• «داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى »(达芬奇密码) ناملىق بۇ كىتاپنى ئامىرىكىلىق داڭلىق  يازغۇچى دان بىروۋىن يازغان بۇلۇپ ، 2003-يىلى 3- ئايدا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن ،«  نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى » نىڭ بازىرى ئىتتىك كىتاپلار مۇندەرىجىسىدە ئۇدا قىرىق نەچچە ھەپتە بىرىنچى ئۇرۇننى ئىگىلىگەن . بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن غەرىپ دۇنياسىدا بۇلۇپمۇ خىرىستىئان دىنى دۇنياسىدا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغان .   كىيىن ھوللىۋوتتىن بۇ كىتاپنى سىنارىيەلەشتۈرۈپ كىنو قىلىپ ئىشلىگەن . 

     

    كىشىنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان مۇرەككەپ بىر شىفىر لىئورنادو داۋىنچىنىڭ ئەسەرلىرىگە يۇشۇرۇنغان .

  •  دەۋرىمىزدىكى كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى ، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى . ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن . دەرۋەقە ، << كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ >> ، ئەمما كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش ، بۇ مۇھىم ماھارەت .
    كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە ئەسلى مەنبە ، ئاساسىي نەزەرىيە ، مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن ، بەلكى تارماقلاتما ، يەشمە ، ۋەقە بايان ، ئىچ پۇشۇقى ، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى . بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئېيتىش كېرەككى ، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن ، ھەقىقىي ئالىملارمۇ ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس .

  •      ئىنسان _ ئۇچۇر سۇبيېكتى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي ھايۋان . ئۇ ، ئوزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس ، يەنە زامان ، ماكان خاراكتېرلىك تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە .
          كىتاب _ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاب سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش - سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ھەر خىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ، تامغا - بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن ، ماقال - تەمسىل ، ئەپسانە - رىۋايەت ، مەسەل - چۆچەك ، ناخشا - قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى ئۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاب شەكلىگە كىرمىگەن << كىتاب >>تىن ئىبارەت

باشقۇرۇشقا كىرىش