• داڭلىق ئەسەر _ «داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى »(达芬奇密码) - [تەرجىمە ۋە تەرمىلەر]

    2009-05-26 | خەتكۈچ: كىتاپ

     

    داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى

     

    «داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى »(达芬奇密码) ناملىق بۇ كىتاپنى ئامىرىكىلىق داڭلىق  يازغۇچى دان بىروۋىن يازغان بۇلۇپ ، 2003-يىلى 3- ئايدا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن ،«  نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى » نىڭ بازىرى ئىتتىك كىتاپلار مۇندەرىجىسىدە ئۇدا قىرىق نەچچە ھەپتە بىرىنچى ئۇرۇننى ئىگىلىگەن . بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن غەرىپ دۇنياسىدا بۇلۇپمۇ خىرىستىئان دىنى دۇنياسىدا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغان .   كىيىن ھوللىۋوتتىن بۇ كىتاپنى سىنارىيەلەشتۈرۈپ كىنو قىلىپ ئىشلىگەن . 

     

    كىشىنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان مۇرەككەپ بىر شىفىر لىئورنادو داۋىنچىنىڭ ئەسەرلىرىگە يۇشۇرۇنغان .

    كىشىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرىدىغان بىر مەيدان قۇراللىق ئېلىشىش ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى چىركاۋ ۋە قەلئەلەردە تەڭلا باشلىنىپ كىتىدۇ .

    كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر تارىخىي سىر ئۆزىنى نەچچە يۈز يىل يۇشۇرغاندىن كىيىن ، ئاخىر سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاچىدۇ .

     

    كىتاپقا بىرلگەن باھالار :

    « خارى پوتتېر » ناملىق ئەسەردىن كىيىن ، تېخى ھېچقانداق يازغۇچى ئۇقۇرمەنلىرىنى بۇنداق قىلتاققا دەسىتىپ ئالداپ باقمىغان . ئۇلارنى جىدىي ۋەقەلىك ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ قۇيۇپ ، ئۆزى بىرچەتتە تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرمىغان .

                               _ «  نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى »نىڭ ئوبزورىدىن

     

    «داۋانچىنىڭ مەخپىيىتى » كىشىنى مەپتۇن قىلىۋالىدىغان ئەسەر ئىكەن . تارىخقا قىزىقىدىغان ، ھەرخىل سۈيقەست ۋەھىلە مىكىرلەرنى يىشىشكە ھەۋەس قىلىدىغان غەلىتە ھىكايىلەرنى يىشىشكە ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇنى ناھايىتى مۇكەممەل ئۇقۇشلۇق دىيىشكە بۇلىدىكەن . مەن بۇروماننى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم .

         _ خاللان كوبىن ، بازارلىق كىتاپ « ھېچكىمگە دىمەڭ » نىڭ ئاپتورى .

     

     

    كىتاپنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى :

    لوئۇرى مۇزىيىنىڭ پىشقەدەم باشلىقى يېرىم كىچىدە ئۆلتۈرلۈپ ، جەسسىتى چوڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ياغاچ پولغا قىپيالىڭاچ ھالدا ياتقۇزۇلۇپ قۇيۇلىدۇ . ئۇنىڭ ياتقان ھالىتى داۋىنچى سىزغان داڭلىق رەسىم « ۋىتروۋئوس ئادىمى » نىڭ ھالىتىگە ئىنتايىن ئوخشاپ كىتەتتى ، جەسسەتنىڭ يېنىدا يەنە چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر شىفىر قالدۇرۇلۇپ قۇيۇلغانىدى .بەلگىشۇناس روبېرت لاندون بىلەن شىفىر يىشىش مۇتەخەسسىسى سوفىي نائىف ئىنتايىن غەلىتە بولغان بىرتالاي شىفىرنى رەتلەش داۋامىدا ، بۇ دىلونىڭ يىپ ئۇچىنىڭ ئەسلىدە داۋىنچىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قۇيۇلغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ !

    لاندون تەكشۈرۈش داۋامىدا پىشقەدەم مۇزىي باشلىقىنىڭ ئەسلىي زىئون ئىستىقامەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى _ 1099- يىلى قۇرۇلغان بۇ مەخپىي تەشكىلاتقا نىيوتۇن ، بوتچىللىر ، ۋىكتور ھىيوگو  ۋە داۋىنچى قاتارلىق غەرىپ تارىخىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەرباپلارنىڭ ئەزا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ ھەمدە « ئۇلار ئاجايىپ چوڭ بىر مەخپىيەتلىكىنى ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر خەتەرلىك سىرنى ئىزدەۋاتقان بولسا كىرەك » دەپ گۇماللىنىدۇ .

    لاندون بىلەن سوفىي مەزكۇر دىلونىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سىرلىق پىلانلىغۇچىسى بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئېلىشىشىنى باشلىۋېتىدۇ ۋە پارىژ ، لوندۇنلاردا مەخپىي قاتىللارنىڭ توختىماي قەسىت قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ . ئەگەر ئۇلار مۇرەككەپ بۇ سىرنى يىشەلمىسە ، زىئون ئىستىقامەتچىلەر جەمەىيىتى سىرتقا ئاشكارلىماي كەلگەن مەخپىيەتلىك ھەم ئۇنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قەدىمكى بىر تارخىنىڭ ئەسلى قىياپىتى تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرى ئارىسىدا مەڭگۈ غايىپ بولاتتى ...


    收藏到:Del.icio.us