-
<چەرچەن دۆلىتى > ھەققىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ ئېيتقانلىرى . - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-03-27 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末 ئا.مۇھەممەتئىمىن
چەرچەن(且末) دۆلىتى . < خەننامە ، غەرىبىي يۇرۇت تەزكىرىسى >دە چەرچەن دۆلىتىنىڭ خانلىق قەلئەسى چەرچەن شەھەرى دىيىلگەن .بۇ ئىسىم ھازىرغىچە ساقلانغان بۇلۇپ ،<ۋىيننامە > ، < سۈينامە >، <جەنۇبىي سۇلالىلەر تارىخى >، < شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى >ۋە < تاڭنامە > قاتارلىق مەنبەلەردە بىردەك چەرچەن < چېمو > دەپ يېزىلغان .<دىۋانۇ لوغىتىت تۈرۈك > دە <جۇرچەن >دەپ يېزىلىپ چنىغا بارىدىغان يولدىكى شەھەر ، دەپ ئىزاھلانغان .بۇ <جۇرچىن >دىگەنلىك بۇلىدۇ .< ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەرىپكە ساياھەت خاتىرىسى >ناملىق كىتاپتا چەرچەرن يېنىدىكى چىم تانا (折摩驮那)قەلئەسى تىلغا ئېلىنغان .شۈەنزاڭنىڭ خەۋەر بىرىشىچە : چىمتانا قەلئەلىرى قەد كۈتۈرۈرپ تۇرسىمۇ ،ئادەم ۋە تۇرخۇن تۈتۈەكلىرىدىن ئەسەر قالمىغان تاشلاندۇق شەھەر ، دىيىلىدۇ .شۈەنزاڭ چىمتانانى خوتەن بىلەن لوپنۇر ئارىسىدا دەپ ئىزاھلىغان
-
قەدىمى يۇرت <چەرچەن >نامى توغرىسىدا مۇلاھىزە(3) - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-03-18 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末
دىمەك، يۇقىرىدىكىكىگە ئوخشاش ھەر خىل پەرەز،بىكىتىشلەر گەرچە قەدىمى دىيار <چەرچەن>نىڭ ئېتمولىگىيىسىنى يۇرۇتۇشتا ،تارىخىنى ئېچىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ،يەر ناملىرى ساھەسىدە بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقارماقتا.ئوخشىمغان ماتىرياللاردا <چەرچەن> نامى ئوخشىمىغان ياقتىن مۇلاھىزە قىلىنىپ.تامغىلىنىپ بىكىتىلمەكتە.
تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى،يېقىندا تور كۆرىۋېتىپ،نامەلۇم بىر خەنزۇ تەتققاتچىنىڭ <چەرچەن،> نامى ھەققىدىكى ماقالىسىنى كۆرۇپ قالدىم. ئاتالمىش تەتققاتچى <چەرچەن>نىڭ خەنزۇچە且末يېزىلمىسى ھەققىدە خەنزۇچە يېزىقشۇناسلىق نوقتىسىدىن خەت مەناسى بۇيىچە ئايرىم-ئايرىم<تەتققات> يۇرگۇزۇپ ،且 خېتى ئەرنىڭ جىنىسى ئەزاسىنى بىلدۇرىدۇ. 末 خېتى بولسا 男 末 دىگەنلىك بولۇپ ،بۇ قۇرامىغا يەتكەن ئەر دىمەكتۇر. 且末 دىگەن بۇ ئىككى خەت <قۇرامىغا يەتكەن ئەرنىڭ جنىسى ئەزاسى> دىگەنلىكتۇر. -
قەدىمى يۇرت <چەرچەن >نامى توغرىسىدا مۇلاھىزە(2) - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-03-18 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末
دىمەك <شان شان><چەرچەن >دىمەكتۇر دىگۇچىلەر نىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى چەرچەننىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئاز ئىدى، شان شاندىن كۆچۇپ بارغانلار نوپۇس جەھەتتىن كوپ بولغاچقا، چەرچەننىڭ ئىلگىرىكى نامى چالماداننى سىقىپ چىقىرىپ <شان شان>نى نام قىلغان، بۇ دەل ھازىرقى <چەرچەن>نامىدۇر ياكى <شان شان> ھازىرقى <چەرچەن>نىڭ ئاھاڭ تىرانسىكرىپىسىيىسىدۇر دەيدۇ. مىنىڭچە بۇ خىل قاراش قانداقتۇر يېڭى قاراش بولماستىن، ئىلگىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە <چەرچەن>نامىنى ئاھاڭ جەھەتتىن <شان شان>ئاتالغۇسىغا يېقىن كېلىدۇ، ھەمدە بىر مەزگىل تارىختىكى <شان شان>خانلىقىغا قارام بولغان،ھازىر <چەرچەن> دەپ ساقلىنىپ قالغان دىگەن يۇزەكى قارىشى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان كونا قاراشتۇر. <چەرچەن> نامى خاس ئۇيغۇرچە نام. ئۇنىڭ ئۇستىگە <چەرچەن>نامى چەرچەن دەرياسى نامى بىلەن زىچ باغلانغان. تارىختا چەرچەن دەرياسى ھېچقاچان <شان شان دەرياسى >دەپ ئاتىلىپ باقمىغان.
-
قەدىمى يۇرت <چەرچەن >نامى توغرىسىدا مۇلاھىزە(1) - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-03-18 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末
دىيارىمىز چەرچەن قەدىمى جايلارنىڭ بىرى.دىيارىمىزنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىدا كۈمۈلۈپ ياتقان قەدىمى ئىزلار،مىھرى ئىسسىق قوينىغا سىڭدۇرگەن تارىخى قىسمەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىل مۇساپىلىرى تۇلىمۇ سىرلىق.تېخى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئاشكارا بولغان زاغۇنلۇق قەدىمى قەبىرستانلىقى ۋە قۇم تىگىدە قالغان قەدىمقى دەريا-ئېقىن بويلىرىدىن ئارقىمۇ-ئارقا بايقىلۋاتقان قەدىمقى ئىزلار نىڭ ئارخولوگىيىلىك پاكىتلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.ئەمما دىيارىمىز نىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئورنىنىڭ ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ مۇبارەك يۇرت ھەققىدىكى تارىخ خاتىرىلەر بەك ئاز ۋە يۇزەكى، شۇڭا تارىختا ئىلگىرى بۇ جايدىن ئوتكەن ئاز بىر قىسىم سەيياھلارنىڭ پارچە-پۇرات بايانلىرى ۋە بۇ بايانلارغا بەزىلەرنىڭ ئۆزلىرىچە بەرگەن تەبىرلىرى، مۇھاكىمە-پەرەزلىرى بۇ جاينىڭ تارىخى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. 80- يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئىزدەنگۇچىلەر بۇ خىلۋەت يۇرت ھەققىدە بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
-
چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى ۋە قەدىمى چەرچەن ئىجتىمائىيىتى - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-03-12 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末
80-يىللاردىن باشلانغان چەرچەن ناھيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتىلىرىنى قايتىدىن بىكىتىش ئارخئۇلوگىيىلىك چارلاپ تەكشۇرۇش-قېزىش ئىشلىرىدا بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلۇپ،قەدىمقى چەرچەننىڭ قۇم ئاستىدا كۈمۈلۈپ ياتقان قەدىمقى مەدەنىيىتى قىسمەن بولسىمۇ خەلىقى ئالەمگە ئاشكارا بولدى.
زاغۇنلوق قەدىمقى قەبرىستانلىقى- ناھيىمىزنىڭ توغراقلىق يېزىسىدىكى زاغۇنلوق كەنتىنىڭ2كىلومېتىر غەربىگە،يەنى بوستانلىقنىڭ ياقىسىدىكى قۇملوققا جايلاشقان.ئورنى چەرچەن ناھيىيە بازىرىغا 6كىلومېتىر،چەرچەن دەرياسىدىن غەربكە 10كىلومېتىر كىلىدىغان تۈپۈلۈككە جايلاشقان.قەبرىستانلىقنىڭ شەرقى قەدىمى دەريا ئېقىنىغا يېقىن بولغاچقا ئەتراپتىكى يەر يۇزىدىن بىر قەدەر ئىگىز،چەرچەنلىكلەر بۇ جاينى«تۇزلوققاش» دەپ ئاتايدۇ.قەبرىلەر تۈپۈلۈكنىڭ ئۇستىگە جايلاشقان بولۇپ،شالاڭ،زىچلىقى تەكشى ئەمەس.كولىمى تەخمىنەن 35مىڭ كىۋادىرات مىتېر كېلىدۇ. -
چەرچەن زاغۇنلوقتىن قېزىۋېلىنغان ئەڭ قەدىمى چالغۇ_ غوڭقا - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-03-12 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末
1996 -يىلى 10-،11-ئايلاردا شىنجاڭ مۇزېيى ئارخئۇلوگىيە ئورنى ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستى ۋە چەرچەن ناھيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىرلىكتە زاغۇنلوق قەدىمى قەبرىستانلىقنى بىر قېتىم قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ،35مىڭ كىۋادىرات مېتىر دائىردە169 قەبرىنى قېزىپ رەتلىدى.بۇ جەرياندا مۇشۇ قەبرىستانلىقنىڭ2-دەۋىر مەدەنىيىتىگە تەئەللوق دەپ قارالغان قەبرىلەردىن مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈيۈملىرى بىلەن بىللە ،ساقلىنىشى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان قەدىمقى چالغۇ-غۇڭقادىن ئىككى يۇرۇش قېزىۋېلىنىدى.غۇڭقا-ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى تارلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيانقى سىياسى،ئىقتىسادى،دىنى ۋەمەدەنىيەت ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى تۇپەيلىدىن بىزدە يوقۇلۇپ كەتكەن. مۇزىكا ساھەسىدىكى بەزى تارىخى ماتىرياللاردا غۇڭقا مىلادىدىن ئىلگىرىكى2000يىللىرى ئاسسۇرىيەدە مەيدانغا كەلگەن،قەدىمقى ئاسسۇريىلىكلەر غۇڭقانى«ئارفا» ياكى«خارىپ» دەپ ئاتىغان دىيىلىدۇ.
-
چەرچەن كوزىرى __ چەرچەن مۇزىيى - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-02-27 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末
چەرچەن ناھىيىسىدىكىلەر بۇلتۇر مەيدىسىگە ئۇرۇپ ماختانغۇدەك بىر يېڭى كۇزۇرغا ئىرىشتى . ئۇ بولسىمۇ ، 3 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان چەرچەن مۇزىيىدۇ .
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى يارىتىلغان قەدەمىي ماكانلارنىڭ بىرى بولغان چەرچەن ناھىيىسى « دۇنيادىكى ئەڭ ...... » ، « جۇڭگۇدىكى ئەڭ ..... »لەر كۆپ بۇلۇشتەك ئارتۇقچىلقلارغا ئىگە . ناھىيىلىك پارتىكوم ، خەلىق ھۆكىمىتى بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئارقىلىق ناھىيىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئىقتىسادىي ، ئىجدىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، كۆلەملىك ، يۈرۈشلەشكەن بىر مۇزىي قۇرۇشنى پىلانلاپ ، يۇقۇرىغا تۈر ئىلتىماسى سۇنغانىدى . بۇ تۈر ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ ، قۇرۇلۇشتا 2003- يىلى ئىش باشلانغانىدى . بەش يىل قۇرۇلۇش قىلىش نەتىجىسىدە ، 1250 كىۋادىرات مىتىر كۆلەمگە ئىگە بۇ مۇزىي ئاخىرى پۇتۈپ ، 2008- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى .
-
ئانام چەرچەن - [شئېرلار]
2009-02-16 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末 تەرمىلەر
گۈزەل چەرچەن ئانا يۇرتۇم ،ساڭا ئالىىي سالام يۇرتۇم،
ھامان كۆرسەم جامالىڭنى بۇ جانىمغا ئارام يۇرتۇم .
ئۇزاقتۇر تارىخىڭ ،يوقتۇر بېشىڭدىن ئۆتمىگەن كۈلپەت ،
يېقىن ئەللىك يىلىڭ پارلاق ،زۇلۇم بولغاچ تامام يۇرتۇم.
باياۋان-دەشىت ئارا ياشناپ چىمەنزار بىر دىيار بوپسەن ،
شۇ گۈللەش روھى باغرىڭدا ئېتەر دائىم داۋام يۇرتۇم .
-
چەرچەن ناھىيىسىنى تۇنۇشتۇرۇش . - [چەرچەن ھەققىدە]
2009-02-07 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末 سەيياھ Seyyah
چەرچەن ناھىيىسى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى تەۋەلىكىدە بۇلۇپ ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا ، كوئىنلۇن ، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، شەرىقتە چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن چىگرىداش ، غەرىپتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيىسى بىلەن چىگرىداش ،جەنۇپتا قاراقۇرۇم تېغى ۋە شىزاڭ بىلەن تۇتىشىدۇ . شىمالى تەرىپى تەكلىماكان قۇملىقى ئىچىگە سۇزۇلۇپ كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ، لوپنۇر ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ . ئۇمۇمى كۆلىمى 140250كىۋادىرات كىلومىتىر بۇلۇپ ، پۇتۈن مەملىكەت بۇيىچە يەر كۆلىمى بۇيىچە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ . % 44.42 تى تاغلىق رايۇن ، %38.37 تى قۇملۇق ، % 17.21تى تۈزلاڭلىك . 315 -دولەت يۇلى ۋە قۇملۇق تاشيۇلى ناھىيە ئىچىنى كىسىپ ئۆتىدۇ .