-
بىر سائەتلىك دەرىس لاھىيىسى (课时教学设计) - [مائارىپ ئۇچۇرلىرى]
2010-06-02 | خەتكۈچ: مائارىپ خاتىرەمدىن
بىر سائەتلىك دەرىس لاھىيىسى (课时教学设计)
1. تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش(前提测评及导入新课) - بۇ بۆلەكتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئالدىن كۆرۈپ كىلىش ئەھۋالى يەنى تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى سىنىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن دەرىس مەزمۇنىغا ماس بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ . دەرىسكە باشلاپ كىرىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇش بولماسلىقى دەرسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇش بولماسلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ .
2. دەرىس تىمىسى ۋە دوسكا لاھىيىسى(课题与板书设计) - شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ تىمىسى ۋە شۇ سائەتتە دوسكىغا يېزىلىدىغان مەزمۇنلار ، بۇ مەزمۇنلارنىڭ دوسكىدىكى ئورنى ، ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى يېزىلىدۇ .
3. ئۇقۇتۇش نىشانى( 教学目标《知识点、能力提高与思想教育、情感目标》 )-شۇ سائەتتىكى يەتمەكچى بولغان ئۇقۇتۇش نىشانى ، ئۇقۇتۇش مەقسىتى ، ئۇقۇغۇچىلار ئىگىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان مەزمۇنلار يېزىلىدۇ ، نىشان ئېنىق بولمىسا دەرىس ئۈنۈمسىز بۇلىدۇ .
4. ئۇقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا(教学重点与难点) - ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئۇقۇغۇچىلار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار، قىيىن نوقتا - ئۇقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى تەس بولغان ياكى ھەل قىلىشى قىيىن بولغان نۇقتىلار . بۇ نوقتىلارغا ۋاقىتى چۇقۇم مۇۋاپىق تەڭشىلىشى كېرەك .
5. ئۇقۇتۇش ۋە ئۈگىنىش ۋاستىلىرى(教学与学习手段) - شۇ سائەتلىك دەرستە ئىشلىتىلدىغان مۇناسۋەتلىك ئۇقۇتۇش ماتىرياللىرى ،پايدىلىنىش ماتىرياللىرى يېزىلىدۇ .
6. ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگىنىش شەكلى(教学方法与学习方式) - ئۇقۇتقۇچى مۇشۇ سائەتلىك دەرىستە ئىشلىتىدىغان ھەرخىل ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىدىغان ئۈگىنىش ئۇسۇللىرى يېزىلىدۇ .
7. ئۇقۇتۇش جەريانىنىڭ لاھىيلىنىشى (ئۇقۇتۇش مەزمۇنى ، ئۇقۇتقۇچى ، ئۇقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يىتلىدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى) (评教学过程设计《教学内容、教师与学生活动、能力测)- شۇ سائەتلىك دەرسىنىڭ ئۈتۈلمەكچى بولغان دەرىس مەزمۇنى ، قەدەم باسقۇچى ، قۇشۇمچە سىناق سۇئاللىرى ، ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىنىڭ ھەر بىر ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيىتى يېزىلىدۇ . چۇقۇم تەرتىپلىك ئېنىق چۈشۈنىشلىك يېزىلىشى ۋاقىت مۇۋاپىق تەڭشىلىشى كېرەك
8. تاپشۇرۇق( 作业 )-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك دەرسىنى تەكرارلىشى ۋە كىيىنكى سائەتلىك دەرسكە تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن بىرىلىدۇ . تاپشۇرۇق چۇقۇم ئۆزگىچە ، ئۇقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان بۇلىشى كېرەك .
9. دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش . (课后反思) -بۇ مەزمۇن دەرسىنى ئۈتۈپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى چۈشىنىش ئەھۋالى ، ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەرىس جەريانىدا ھېس قىلغان يىتەرسىزلىك ، ئارتۇقچىلىقى ۋە تۈزىتىش ئۇسۇلى يېزىلىدۇ .
收藏到:Del.icio.us
بىر سائەتلىك دەرىس لاھىيىسى
Blog:مۇئەللىم تورخاتىرىسى2010-06-05 14:00:13