• سەككىز ئاياق ئىسپانىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى !!! - [سەيياھ خاتىرىسى]

    2010-07-11 | خەتكۈچ: دۇنيالوڭقىسى سەيياھ Seyyah

     

    پالچى سەككىز ئاياق ئىسپانىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن  بىشارەت بەردى !!!


        ئۇنىڭ ئىسمى سەككىز ئاياق پول ، ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان ، گىرمانىيەدە چوڭ بولغان ،ھازىر گەرمانىيىنىڭ ئوبھېر ھاسىن دېڭىز مۇزىيىدا بېقىلماقتا . پول جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاۋىستىرالىيە ، گانا،ئەنگىلىيە ،ئارگىنتىنا، ئوراگۋاينى يېڭىدىغانلىقىنى ، سېربىيە ۋە ئىسپانىيەگە يېڭىلدىغانلىقىنى ئالدىن توغرا مولچەرلىگەن . توغرا مولچەرلەش نىسبىتى 100 پىرسەنىت بولغان ، يەتتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىنى توغرا مولچەرلىگەن .  ئۇ يەنە ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئالدىن مولچەرلەپ توغرىلىق نىسبىتى 80 پىرسەنتكە يەتكەن . ئۇ يەنە جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيىنى يېڭىدۇ دەپ ئالدىن مۇلچەرلىگەن .
        
          توۋەندىكىلىرى سەككىز ئاياق پولنىڭ ئالدىن مولچەرى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى :

          2008 يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى :
           ئالتا قېتىم مۇلچەرلەپ بەش قېتىم توغرا چىققان ، توغرىلىق نىسبىتى 83 پىرسەنت:
           كىچىك گۇرپا تۇنجى مۇسابىقىدە گىرمانىيە پولشانى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە :گىرمانىيە 2-0 يەڭگەن.
           كىچىك گۇرپا ئىككىنچى قېتىملىق  مۇسابىقىدە گىرمانىيە كىرودىيەگە يېڭىلدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە : گىرمانىيە1-2 يېڭىلگەن .
           كىچىك گۇرپا ئاخىرقى مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئاۋىستىريىنى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە :گىرمانىيە 1-0 يەڭگەن.
            4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە پورتىگالىيىنى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە :گىرمانىيە 3-2 يەڭگەن.
            يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە تۈركىيەنى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن .نەتىجە :گىرمانىيە 3-2 يەڭگەن .
           ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئىسپانىيىنى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن .نەتىجە :گىرمانىيە 0-1 يېڭىلگەن .

          2010 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى :
           سەككىز  قېتىم مۇلچەرلىگەن ھەممىسى توغرا چىققان ، توغرىلىق نىسبىتى 100 پىرسەنت .
          كىچىك گۇرپا تۇنجى مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئاۋىستىرالىيىنى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە :گىرمانىيە 4-0 يەڭگەن.
           كىچىك گۇرپا ئىككىنچى قېتىملىق  مۇسابىقىدە گىرمانىيە سېربىيەگە يېڭىلدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە : گىرمانىيە0-1 يېڭىلگەن .
           كىچىك گۇرپا ئاخىرقى مۇسابىقىدە گىرمانىيە گانانى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە :گىرمانىيە 1-0 يەڭگەن.
            8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئەنگىلىيىنى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن . نەتىجە :گىرمانىيە 4-1 يەڭگەن.
            4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئارگىنتىنانى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن .نەتىجە :گىرمانىيە 4-0 يەڭگەن .
             يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئىسپانىيەگە يېڭىلدۇ دەپ مولچەرلىگەن .نەتىجە :گىرمانىيە 0-1 يېڭىلگەن .
              ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئوراگۋاينى يېڭىدۇ دەپ مولچەرلىگەن .نەتىجە :گىرمانىيە 3-2 يەڭگەن .

            ئەڭ ئاخىرقى ئالدىن مولچەر :
          ئىسپانىيە گوللاندىيىنى يېڭىپ بۇ نوۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ . نەتىجە : ئىسپانىيە يەڭدى . !
     


    收藏到:Del.icio.us