-
2012-02-21
خارۋارد ئونۋىرسىتى ئۇچۇق دەرسى « ئادىللىق : قانداق قىلسا توغرا بۇلىدۇ ؟ » - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
خارۋارد ئونۋىرسىتىنىڭ داڭلىق پىرافىسورى مايكىل سەندىل ( Michael Sandel ) خارۋارد ئونۋىرسىتىدا ئۆتكەن « ئادىللىق : قانداق قىلسا توغرا بۇلىدۇ ؟ » ( 公正:该如何是好? Justice What s Right ThingTo Do ? ) دىگەن تىمىدىكى دەرىسى خارۋار ئونۋىرسىتىدا ناھايىتى زور ئالقىشقا ئىرىشىدۇ ، بۇ دەرىس خارۋارد ئونۋىرسىتى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇقۇغۇچى قاتناشقان دەرىس بۇلۇپ قالىدۇ . مايكىل سەندىلنىڭ دەرىس ئۈتۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ،ناھايىتى ئۆزگىچە مىساللار ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى كەسكىن مۇنازىرىلەرگە يىتەكلىيەلەيدۇ ، يۇمۇرىستىك تۇيغىغىمۇ باي .
-
2011-05-25
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسللەر ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرى . - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
ھازىر بىر قىسىم مىللىي تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىنگىلىزتىلى دەرىسى تەسىس قىلىندى . دەرىس يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى تىلغا بولغان قىزىقىشىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى بولدى . ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدىمۇ بىر قىسىم مەسللەر ساقلاندى ، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەتتا ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىنىڭ ھېچقانچە ئۈنىمى بولمىدى . خەلىقئارادا كەڭ دائىرلىك ئىشلىتىۋتقان بۇ تىلنى ئۇقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۈگىتىش_ ئۇلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي باشقا جەھەتلەردىنمۇ يىتىشىشىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى يېڭى بىر كۆۋرىكىگە ، ۋاستىسىگە ئايلىنىدۇ . ئەمما بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىنگىلىزتىلى دەرىسى ئىتىبارغا ئېرىشەلمىدى ، ياكى دىققەت ئىتىبارنى قوزغىيالمىدى . بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم ۋاقىت ئاجىرتىپ ئېلىپ بارغان ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتىشىدا كۆرىنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالدى ، مىنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن كۆرىشكە بۇلىدۇ : -
2011-05-19
خەنزۇتىلى HSK ئالىي دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ(HSK 高等考试) نەتىجىسى ئېلان قىلىندى . - [ خەنزۇتىلى كۆزنىكى ]
سىز شىنجاڭ خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى توربىكىتىگە كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ 2011- يىلى4- ئايدا بەرگەن خەنزۇتىلى HSK ئالىي دەرىجە ئىمتىھان(HSK 高等考试)نەتىجىڭىزنى سۈرىشتە قىلسىڭىز بۇلىدۇ . بۇيەرنى چىكىپ كىرىڭ !تۆۋەندىكىلەر بولسا خەنزۇتىلى ئالىي دەرىجە ئىمتىھاننىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر چىكى ۋە كىنىشكا ئېلىش دەرىجە ئۆلچىمى(分数等级划分和证书等级标准)، ھەمدە كىنىشكا ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەپلەر ئەسكەرتىلمىسى(备注) (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ). -
2011-05-15
«تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك »ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقات ماتىرىيالى . - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
بۇ PPT ھۆجىتىنى توردىن ئىزدەپ تاپقان بىرقىسىم خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ماتىرياللارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ، بۇ ھۆجەتتە ئاساسلىقى خەنزۇتىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماتىرياللار ، بىرقىسىم توردىن تېپىپ كىرىشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ماتىرىيال ۋە سۈرئەت-رەسىملەر ئارقىلىق تاماكا چىكىشنىڭ تەن سالامەتلىككە بولغان زىيى ۋە خەترى ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللىكلىرى ، دۆلىتىمىز ۋە خەلىقئارادىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى ۋە تاماكىنىڭ زىيىنى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ، تاماكا تاشلاشتىكى بىرقىسىم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار تۇنۇشتۇرۇلغان .مەكتەپلەردە تەشۋىق- تەربىيە ئىشلەشتە ئەسقاتىدۇ . بۇ ماتىرىيال ئەسلى ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغا تەشۋىق تەربىيە ئىشلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ، باشقا ياش قۇرامدىكىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغىمۇ بۇلىدۇ .
-
2011-01-13
2010 - يىلى سەيياھ بىلوگىدا ئەڭ كۆپ كۈرۈلگەن 10 تىما . - [ بىلوگ بىلدۈرگىسى ]
1.دۆلەت تەۋەلىكى ، مىللەتلەرنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى
2 .ۋەتەن دىگەن نىمە ؟
3. 2500- يىلدىكى مۆجىزە !
4. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى توغرىسىدا .
5. توت يۇز يىگىرمە يەتتە مىليۇنلۇق(427000000) زىيارەتچىسى بار بىلوگ .
6. چەرچەن قەدىمىي زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى ۋە قەدىمى چەرچەن ئىجدىمائيتى.
7. مەمۇرلار ئىمتىھانىنى ياخشى بىرەي دىسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ .
8. تالىبانلار تەربىيىسىدىكى مايمۇن تىرورچىلار !
9. خەنزۇ تىلىدىكى ئادەت سۆزلىرى توپلىمى .
10. شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەخسۇس پىروگىراممىلارنى توردىن كۆرۈش .
-
2010-12-12
چەرچەن چىلىنى سېتىۋالدىڭىزمۇ !؟ - [چەرچەن ھەققىدە]
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى چەرچەن ناھىيلىك ھۆكىمەتنىڭ زور مەبلەغ سېلىشى ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە چەرچەن ناھىيسىنىڭ چىلان تىكىلگەن كۆلەم 10 مىڭ مودىن ئاشقان ) بۇنىڭ ئىچىدە 5.7 مىڭ مو يەردىكى چىلان كۈچىتى مىۋە بىرەلەيدۇ ) بۇ يىللىق چىلاننىڭ مەسھۇلات مىقدارى مىڭ توننىغا يىتىشى مولچەرلنىۋېتىپتۇ.
چەرچەن ناھىيىلىك ھۆكىمەت زور كۈچ سەرىپ قىلىپ دېھقانلارنى تېخنىكا بىلىملىرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەملەپ دېھقانلارنىڭ ئېقتىسادىي كىرىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە زور كۈچ چىقاردى . مەسىلەن دېھقانلارغا چىلان ئۆستۈرۈش ، يىتىشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۈگتىش بىلەن بىرگە ، ھەر بىر يېزىدا بىرقانچە نۇقتىلىق ئۈلگىلىك چىلانچىلىق ئائىلىسىنى بىكىتىپ ئۇلارنى تېخنىكا ۋە بىر قىسىم ماتىرياللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى . پۈتۈن ناھىيدىكى چىلانچىلىق ئائىللىرىنى بىرقانچە قېتىم تۈركۈم بۇيىچە چارقىلىق ناھىيىسىگە ئىكىسكۇرسىيەگە تەشكىللەپ ، دېھقانلارنىڭ چىلان ئۆستۈرۈشكە بولغان كۆز قارىشىنى يېڭىلىدى . -
2010-11-01
خەنزۇتىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان باغلىغۇچى سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرشلىشى ، مىسال جۈملىلەر. - [ خەنزۇتىلى كۆزنىكى ]
خەنزۇتىلىدا باغلىغۇچى سۆزلەر بىرقەدەر كۆپ بۇلۇپ ، مۇرەككەپ جۈملە تۈزىشتە كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ .بۇ باغلىغۇچى سۆزلەر ئارقىلىق پىكىرنى تېخىمۇ ياخشى ، جانلىق ئىپادىلىگىلى بۇلىدۇ . خەنزۇتىلىدىكى باغلىغۇچى سۆزلەرنى ئۆزئارا پەرىقلەندۈرۈش ، ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش خەنزۇتىلى ئۈگىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقغندا بىر قەدەر تەس . بۇ word ھۆجىتىدە خەنزۇتىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىرقىسىم باغلىغۇچى سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ، بۇ باغلىغۇچى سۆزلەرنىڭ قايسى تۈرگە كىرىدىغانلىقى ، مەنىسى ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ھەر بىرسىگە بىر قانچىدىن مىسال جۈملە بىرىلىگەن . كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدىغان ياخشى ماتىريال . ئەگەر بۇ ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ،«مەرھەمەت» دىگەن سۆزنى بېسىڭ . (سىغىمى k45 )
مەرھەمەت -
2010-10-31
خەنزۇتىلى ئۇقۇتۇشىدىكى ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشتە قوللىنىشقا بۇلىدىغان بىر قانچە ياخشى ئۇسۇل. - [ خەنزۇتىلى كۆزنىكى ]
خەنزۇتىلى ئۇقۇتۇشى باشقا پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ ، تەكرارلىقنى ،ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ .شۇڭىلاشقا بەزى ئالاھىدە ئۇسۇللارنى قوللانمىسا ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلىنى ئۈگىنىش قىزىغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش تەس بۇلىدۇ . مەن ئۈزۈمىنىڭ بىر مەزگىللىك ئەمەلىي ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، قوللىنىپ بېقىشىم ۋە بىر قىسىم پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچىلاردىن تەلىم ئېلىپ ،دەرىسلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق بىر قانچە ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىنى يەككۈنلەپ چىقتىم . ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇللار يەنىلا بۇرۇنقى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ،مەلۇم ئۆزگرتىش كىرگۈزۈلگەن :
1. ئاڭلاپ يېزىش . بۇ خىل ئۇسۇلنى يېڭى دەرىستىكى سۆزلەرنى ئۆتمەكچى بولغاندا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ . شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ئاڭلاپ يېزىش ئېلىپ بارغاندا چۇقۇم شۇ دەرىسنىڭ سۆزلۈكلىرىنى ئۈتۈشتىن ئىلگىرى دەرىسىتن ئىلگىركى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك . ئەگەر ئۇقۇغۇچىلار مەخسۇس ئاڭلاپ يېزىش دەپتىرى ئىشلەتسە ، ھەر بىر يېڭى دەرىستە ئالدىن ئېلىپ بېرىلسا ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇقۇتقۇچىنىڭ يۈكى ئازراق ئېغىرلايدۇ، ئەمما بۇ ئاڭلاپ يېزىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئانچە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ ، ئەكىسچەئاڭلاپ يېزىشنىڭ ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ ، -
2010-10-30
بىلەكسىز ئانىلار !!! - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
بۇ بىرجۇپ بىلەكسىز ئانا گەرچە بىرجۇپ بىلىكىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ناھايىتى زور جاسارەت بىلەن باشقىلارغا ئوخشاشلا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلمەكتە . بۇ ئانىلارنىڭ بىرسى جۇڭگۇلۇق بۇلۇپ كىچىكىدىنلا بىر جۈپ بىلىكى يوق ، ئۇناھايىتى زور جاپا مۇشاقەت ئىچىدە چوڭ بولغان . ئەممە بۇ جاپا مۇشاقەت ئۇنىڭغا بىر جۈپ پۇتىنى قول ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۈگەنگەن ، ھەتتا بىرقىسىم ئىشلارنى بىز قۇلىمىز بىلەن قىلساقمۇ ئۇنىڭچىلىك قىلالىشىمىز ناتايىن . ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىش ، تاماق ئىتىش ، خەت يېزىش ، قارتا ئويناش ، تىككۈچىلىك قىلىش ، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش .... ئۇ ئاشۇ بىر جۈپ قۇلىغا تايىنىپ بىز بىر جۈپ قۇلىمىزدا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىدۇ .
يەنە بىرى بولسا ئامىرىكىلىق ئانا بۇلۇپ ئۇمۇ ئوخشاشلا ئىككى بىلىكىدىن ئايرىلغان ،