-
2011-05-15
«تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك »ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقات ماتىرىيالى . - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
بۇ PPT ھۆجىتىنى توردىن ئىزدەپ تاپقان بىرقىسىم خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ماتىرياللارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ، بۇ ھۆجەتتە ئاساسلىقى خەنزۇتىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماتىرياللار ، بىرقىسىم توردىن تېپىپ كىرىشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ماتىرىيال ۋە سۈرئەت-رەسىملەر ئارقىلىق تاماكا چىكىشنىڭ تەن سالامەتلىككە بولغان زىيى ۋە خەترى ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللىكلىرى ، دۆلىتىمىز ۋە خەلىقئارادىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى ۋە تاماكىنىڭ زىيىنى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ، تاماكا تاشلاشتىكى بىرقىسىم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار تۇنۇشتۇرۇلغان .مەكتەپلەردە تەشۋىق- تەربىيە ئىشلەشتە ئەسقاتىدۇ . بۇ ماتىرىيال ئەسلى ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغا تەشۋىق تەربىيە ئىشلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ، باشقا ياش قۇرامدىكىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغىمۇ بۇلىدۇ .
-
2011-05-10
دەرىس ئايانىنى (说课)باھالاش كۆرسەتكۈچى - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
ئوقۇتۇش نىشانىنى سۆزلەش (15نۇمۇر)
1. دەرىس ئۆلچىمىنىڭ دەرىسلىككە بولغان ئومومىي تەلىۋىنى بايان قىلىش2. ئوقۇتۇش نىشانى كونكرېت بولۇش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇش
3. ئوقۇتۇش نىشانى بىكىتىشتىكى ئاساسىنى بايان قىلىش
دەرىسلىكنى سۆزلەش (15نۇمۇر)
1. مۇشۇ سائەتلىك دەرىس مەزمۇنىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، دەرىسلىك كىتاپتا تۇتقان ئورنى ۋە رولى، دەرىسلىكنى ئىجادىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئاددىي ھەم توغرا چۈشەندۈرەلىگەن بولۇش.
-
2011-05-09
دەرىس ئايانى (说课) لايھىسىنى قانداق لايھىلەش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؟ - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
دەرىس ئايانى دىگىنىمىز ئوقۇتقۇچى دەرىس ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، كەسىپداشلار ۋە ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلغۇچى خادىملارغا ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇشنى لايىھىلەشتىكى نەزىرىيە ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ بىر سائەتلىك دەرىسنى لايىھىلەش تەسەۋۇرىنى ئىغىزچە بايان قىلغاندىن كىيىن، ئاڭلىغۇچىلار باھالاش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ئالغا بىسىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى. بۇ يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى شارائىتىدىكى كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاش خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتىنىڭ يېڭى شەكلى. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ھاياتى كۈچ قوشۇپلا قالماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىمۇ ناھايىتى ئۈنۈم بىرىدۇ.
-
2010-10-30
بىلەكسىز ئانىلار !!! - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
بۇ بىرجۇپ بىلەكسىز ئانا گەرچە بىرجۇپ بىلىكىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ناھايىتى زور جاسارەت بىلەن باشقىلارغا ئوخشاشلا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلمەكتە . بۇ ئانىلارنىڭ بىرسى جۇڭگۇلۇق بۇلۇپ كىچىكىدىنلا بىر جۈپ بىلىكى يوق ، ئۇناھايىتى زور جاپا مۇشاقەت ئىچىدە چوڭ بولغان . ئەممە بۇ جاپا مۇشاقەت ئۇنىڭغا بىر جۈپ پۇتىنى قول ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۈگەنگەن ، ھەتتا بىرقىسىم ئىشلارنى بىز قۇلىمىز بىلەن قىلساقمۇ ئۇنىڭچىلىك قىلالىشىمىز ناتايىن . ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىش ، تاماق ئىتىش ، خەت يېزىش ، قارتا ئويناش ، تىككۈچىلىك قىلىش ، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش .... ئۇ ئاشۇ بىر جۈپ قۇلىغا تايىنىپ بىز بىر جۈپ قۇلىمىزدا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىدۇ .
يەنە بىرى بولسا ئامىرىكىلىق ئانا بۇلۇپ ئۇمۇ ئوخشاشلا ئىككى بىلىكىدىن ئايرىلغان ، -
2010-10-18
سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمەت پىلانى - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
تۆۋەندىكىسى مىنىڭ بۇ مەۋسۈمدىكى سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمەت پىلانىم . تورداشلارنىڭ كۆرۈپ باھا بېرىشىنى ، تۈزىتىدىغان ، قۇشۇپ قۇيىدىغان جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
1 . ھەر ھەپتىدىكى سىنىپ يىغىنى ۋاقتى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىن پايدىلىنپ ئۇقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلىقنى ، پارتىيىنى سۈيۈش ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بارىمەن . بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانۇن - تۈزۈملەر تەربىيىسى ، ساغلاملىق تەربىيىسى ، ئىجدىمائى مۇناسىۋەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن ياخشى يىتىلپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سالىمەن .
2. سىنىپ تۈزۈمى ئورنىتىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنىڭ خىزمەت ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈزەتچىلىك ، شۇنداقلا تۈرتكىلىك رولى بارلىقىنى تۇنۇتۇپ ، تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئاساس ، ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى قۇشۇمچە قىلىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا يىڭى بىر خىل ئەخلاق – تۈزۈم قارىشىنى تىكلەيمەن .