• 2011-05-09

    دەرىس ئايانى (说课) لايھىسىنى قانداق لايھىلەش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؟ - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]

    دەرىس ئايانى ( 说课 ) لايھىسىنى قانداق لايھىلەش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؟

    دەرىس ئايانى دىگىنىمىز ئوقۇتقۇچى دەرىس ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، كەسىپداشلار ۋە ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلغۇچى خادىملارغا ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇشنى لايىھىلەشتىكى نەزىرىيە ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ بىر سائەتلىك دەرىسنى لايىھىلەش تەسەۋۇرىنى ئىغىزچە بايان قىلغاندىن كىيىن، ئاڭلىغۇچىلار باھالاش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ئالغا بىسىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى. بۇ يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى شارائىتىدىكى كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاش خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتىنىڭ يېڭى شەكلى. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ھاياتى كۈچ قوشۇپلا قالماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىمۇ ناھايىتى ئۈنۈم بىرىدۇ.

    دەرىس ئايانى لايىھىسىنى يېزىش دەرىس ئاينىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، دەرىس ئايانىنىڭ سۈپىنىڭ قانداق بولىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇنداق بولسا، دەرىس ئايانى لايىھىسىنى يىزىش ۋە دەرىس ئايانىنى سۆزلەشتە نمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي.

    دەرىس ئايانى ئوقۇتۇش لايىھىسىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ، ھەم بەلگىلىك پەرقكە ئىگە. دەرىس ئايانى دەرىس مەزمۇنىنىڭ ئىچكى باغلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن يىزىلىدۇ. ئۇنىڭدا «قانداق قىلىمەن» دىگەننى گەۋدىلەندۈرۈشتىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى «نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقى» نى گەۋدىلەندۈرۈش كىرەك.

    دەرىس ئايانى لايىھىسى تۆۋەندىكى 5 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    1. دەرىسلىكنى سۆزلەش ـــ دەرىسلىككە بولغان چۈشەنچىسى بايان قىلىنىدۇ.

    1) دەرىس ئۆلچىمىنى سۆزلەش

    دەرىس ئۆلچىمىدە مەزكۈر يىللىقنىڭ دەرىسلىككە قارىتا قويۇلغان تەلەپلەر چۈشەندۈرىلىدۇ.

    2) دەرىسلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سىسىتىمىسىنى ئايان قىلىش

    دەرىسلىكنىڭ تۈزۈلۈش پىكىر يوللىرى، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىش؛ مۇشۇ سائەتلىك دەرىس مەزمۇنىنىڭ باپ پارگىراف، بۆلەك، يىللىقلار شۇنداقلا پۈتكۈل دەرىس سىسىتىمىسىدىكى تۇتقان ئورنى، رولى ۋە ئەھمىيىتىنى ئايان قىلىش.

    3) نىشاننى ئايان قىلىش ـــ ئوقۇتۇش نىشانى بولسا سائەتلىك دەرىس تەييارلىقىدا پىلانلانغان، دەرىس ئاخىرلاشقاندا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان
    ئوقۇتۇش ئۈنۈمىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەر ئىنىق ۋە كونكېرت بولىشى كىرەك:

    (1) بىلىم نىشانى؛ (2) ئىقتىدار نىشانى؛ (3) ھىسىيات پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى.

    4) قوش ئاساس: ئاساسىي بىلم؛ ئاساسىي ماھارەت.

    5) ئۈچ نوقتا: مۇھىم نوقتا، قىيىن نوقتا، ھالقىلىق نوقتا.

    2. ئۆگۈنىش ئەھۋالى ئايانى ـــ ئوقۇتۇش ئوبىيىكتى تەھلىل قلىنىدۇ.

    ئوقوغۇچىلار ئۆگۈنىش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلىشى كىرەك. بۇ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ توغرا قانات يىيىشىنىڭ ئاساسى. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىنى ئىنىق ئايان قىلىش كىرەك:

    1) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى (ئوقوغۇچىلاردىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىق)

    2) ئوقوغۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسى

    3) تەپەككۈر قىلىش ئالاھىدىلىكى (ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىسىمۇ بولىدۇ)

    3. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئايان قىلىش ـــ ئوقۇتۇش جەريانىدا قوللىنىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە شۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىشنىڭ نەزىرىيە ئاساسى سۆزلىنىدۇ.

    4. ئۆگۈنىش ئۇسۇلى ئايانى ـــ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشگە يىتەكچىلىك قىلىش مۇددىئاسى ۋە نەزىرىيە ئاساسى سۆزلىنىدۇ (ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۆگۈنىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ ئايان قىلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك).

    5. ئوقۇتۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئايان قىلىش ــــ ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە نەزىرىيە ئاساسى سۆزلىنىدۇ.

    بۇ دەرىس ئايانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرنى ئىنىق شەرھىيلەش كىرەك:

    1) ئوقۇتۇش قوراللىرى

    مۇشۇ سائەتلىك دەرىستە قوللىنىدىغان ئوقۇتۇشتىكى ياردەمچى ۋاستىلەر

    2) دەرىسكە باشلاپ كىرىش

    ياخشى باشلىنىش دەرىسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىدا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، دەرىسنىڭ باشلىنىشىدىلا ئوقوغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە قىزىقىشنى قوزغاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.

    3) ئارلىقتىكى ھالقىلار

    تەرتىپ بويىچە ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ھەر قايسى ھالقىللىرى، ھەر قايسى ھالقىغا كىتەرلىك تەخمىنىي ۋاقىتنى، ھالقىلارنىڭ ئالمىشىشى، مۇھىم ھالقىلاردا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىنىڭ ئىلىپ بارماقچى بولغان قوش يۆلىنىشلىك پائالىيىتى، ئوقوتۇشنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىللىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ھەمدە مۇشۇنداق لايىھىلەشنىڭ سەۋەبلىرى قاتارلىقلار ئايان قىلىنىدۇ.

    4) دوسكا لايىھىسى

    5) خۇلاسىلاش، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش.

     

     

     

    مەنبە :  چەرچەن مائارىپ تورى

     


    收藏到:Del.icio.us