-
2011-05-10
دەرىس ئايانىنى (说课)باھالاش كۆرسەتكۈچى - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
دەرىس ئايانىنى ( 说课 )باھالاش كۆرسەتكۈچى
ئوقۇتۇش نىشانىنى سۆزلەش (15نۇمۇر)
1. دەرىس ئۆلچىمىنىڭ دەرىسلىككە بولغان ئومومىي تەلىۋىنى بايان قىلىش2. ئوقۇتۇش نىشانى كونكرېت بولۇش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇش
3. ئوقۇتۇش نىشانى بىكىتىشتىكى ئاساسىنى بايان قىلىش
دەرىسلىكنى سۆزلەش (15نۇمۇر)
1. مۇشۇ سائەتلىك دەرىس مەزمۇنىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، دەرىسلىك كىتاپتا تۇتقان ئورنى ۋە رولى، دەرىسلىكنى ئىجادىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئاددىي ھەم توغرا چۈشەندۈرەلىگەن بولۇش.
2. ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى لايىھىلەش قاتلاملىققا ئىگە بولۇش، مەزمۇنلارنىڭ باغلىنىشى كۈچلۈك بولۇش. مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرگەن، قىيىن نوقتىلارنى ئىگىلىگەن بولۇش.
3. دەرىس مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلىگەن بولۇش، دەرىسنىڭ تەلىۋى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەش (15نۇمۇر)
1. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاستىللىرىنى قوللىنىش مۇۋاپىق، قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، قوزغۇتۇشچانلىققا، قارتمىلىققا، كۆپ خىللىققا ئىگە بولغان بولۇش.
2. پايدىلانغان ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە كۆپ ۋاستىلىق دەرىس دىتاللىرى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغان بولۇش.
3. قوللانغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىشىگە پايدىلىق بولۇش. بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشنىڭ نەزىرىيە ئاساسىنى دەپ بىرەلىگەن بولۇش.
ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى سۆزلەش (15نۇمۇر)1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشى ئىلمىي، كونكېرت بولۇش، ئۇنىڭ نەزىرىيە ئاساسى تولۇق ۋە توغرا بولغان بولۇش.
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىغا قاتنىشىش ۋە دەرىس بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ شەكىللىرىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگەن بولۇش.
ئوقۇتۇش جەريانىنى سۆزلەش (20نۇمۇر)
1. پەننىڭ ئوقۇتۇش ئىدىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساس بولۇشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇش. ئوقۇتۇشتىكى پىكىر يولى ئىنىق، رىتىملىق بولغان بولۇش.
2. ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئۇقۇتۇش جەريانى ئىچىۋىتىلگەن بولۇش، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇش، ئوقۇتۇش ھالقىللىرىنىڭ تەقسىملىنىشى مۇۋاپىق، بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشى تەبىئىي بولغان بولۇش.
3. مەزمۇننىڭ ئىينچىكە ياكى تىيىزلىقى مۇۋاپىق بولۇش، مۇھىم نوقتا گەۋدىلەنگەن، قىيىن نوقتا ھەل قىلىنغان بولۇش.
4. ئوقۇتۇش ۋاستىللىرىدىن پايدىلىنىشى مۇۋاپىق، دەل ۋاقتىدا، ئۈنۈملىك بولغان بولۇش.
5. قايتۇرما ئىنكاس قىلىشى مۇۋاپىق، ئوقۇغۇچى ۋە ئەمەلىي شارائىتقا ماسلىشىشى كۈچلۈك بولغان بولۇش.
6. ئوقۇتۇشى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولغان بولۇش.
مۇھىم، قىيىن نوقتىلارنى سۆزلەش (10 نۇمۇر)
1. ئوقۇتۇشنىڭ قاتلىمى ئىنىق بولۇش، مۇھىم نوقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇش.
2. ھالقىلىق نوقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن نوقتىلارنى ھەل قىلالىغان بولۇش.
دەرىسنى ئايان قىلىش سەنئىتى (10 نۇمۇر)
1. بايان قىلىش تىلى راۋان، ئاددىي، چۈشىنىشلىك، لوگىكىلىقى كۈچلۈك، تەسىرلىك، جانلىق بولۇش.
2. تەققى تۇرىقى چوڭ سۈپەت، تەبىئىي بولۇش.
3. دەرىسنى ئايان قىلىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئىشىپ كەتمەسلىك.
收藏到:Del.icio.us