•          خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى يۇقۇرى دەرىجە تەقلىد سۇئااللىرىنى تاپماق بىر قەدەر تەس . كىتاپخانىلارغا كىرسىمۇ پەقەت بىر نەچچە خىل كىتاپلار بار ، يەنە كىلىپ باھاسى ناھايىتى يۇقۇرى . مەن ئۈزۈمدە بار بولغان ، توردىن تاپقان بىر قىسىم تەقلىد سۇئاللىرىنى تەييارلاپ قويدۇم . ئېلكىتاپ نۇسخىسىدىكى پەقەت يېزىقچە ئىمتىھان مەزمۇنىلا تەمىنلەنگەن ، پىرىسلانغان نۇسخىسىدىكىگە ئاڭلاش قىسمىنىڭ ماتىرياللىرى قۇشۇلغان ( 15 مىگا بايىت ). يەنە باشقا ئۇلانمىلار بولسا بىۋاستە توردا ئىشلىگىلى بۈلىدىغان،ياكى چۈشۈرىۋېلىپ ئىشلىتىدىغان خەنزۇتىلى يۇقۇرى دەرىجە ئىمتىھان سۇئاللىرى  .

  •       خەنزۇتىلىدا باغلىغۇچى سۆزلەر بىرقەدەر كۆپ بۇلۇپ ، مۇرەككەپ جۈملە تۈزىشتە كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ .بۇ باغلىغۇچى سۆزلەر ئارقىلىق پىكىرنى تېخىمۇ ياخشى ، جانلىق ئىپادىلىگىلى بۇلىدۇ . خەنزۇتىلىدىكى باغلىغۇچى سۆزلەرنى ئۆزئارا پەرىقلەندۈرۈش ، ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش خەنزۇتىلى ئۈگىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقغندا بىر قەدەر تەس . بۇ word ھۆجىتىدە خەنزۇتىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىرقىسىم باغلىغۇچى سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ، بۇ باغلىغۇچى سۆزلەرنىڭ قايسى تۈرگە كىرىدىغانلىقى ، مەنىسى ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ھەر بىرسىگە بىر قانچىدىن مىسال جۈملە بىرىلىگەن . كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدىغان ياخشى ماتىريال . ئەگەر بۇ ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ،«مەرھەمەت» دىگەن سۆزنى بېسىڭ . (سىغىمى  k45  )
         مەرھەمەت

  •          خەنزۇتىلى ئۇقۇتۇشى باشقا پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ ، تەكرارلىقنى ،ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ  .شۇڭىلاشقا بەزى ئالاھىدە ئۇسۇللارنى قوللانمىسا ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلىنى ئۈگىنىش   قىزىغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش تەس بۇلىدۇ . مەن ئۈزۈمىنىڭ بىر مەزگىللىك ئەمەلىي ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، قوللىنىپ بېقىشىم ۋە بىر قىسىم پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچىلاردىن تەلىم ئېلىپ ،دەرىسلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق بىر قانچە ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىنى يەككۈنلەپ چىقتىم . ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇللار يەنىلا  بۇرۇنقى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ،مەلۇم ئۆزگرتىش كىرگۈزۈلگەن  :
          1. ئاڭلاپ يېزىش . بۇ خىل ئۇسۇلنى يېڭى دەرىستىكى سۆزلەرنى ئۆتمەكچى بولغاندا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ . شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ئاڭلاپ يېزىش ئېلىپ بارغاندا چۇقۇم شۇ دەرىسنىڭ سۆزلۈكلىرىنى ئۈتۈشتىن ئىلگىرى دەرىسىتن ئىلگىركى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك . ئەگەر ئۇقۇغۇچىلار مەخسۇس ئاڭلاپ يېزىش دەپتىرى ئىشلەتسە ، ھەر بىر يېڭى دەرىستە ئالدىن ئېلىپ بېرىلسا ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇقۇتقۇچىنىڭ يۈكى ئازراق ئېغىرلايدۇ، ئەمما  بۇ ئاڭلاپ يېزىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئانچە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ ، ئەكىسچەئاڭلاپ يېزىشنىڭ ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ ،

  •       خەنزۇتىلىدا بىر بىرىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان خەتلەر ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ،دىقەت قىلمىغاندا ناھايىتى ئاسانلا خاتا يېزىلىپ قالىدۇ . تۆۋەندىكى پىرىسلانغان ھۆجەتتە ئىككى دانە word ھوجىتتى بار بۇلۇپ ، بىرىدا ئوخشىشىپ كىتىدىغان خەتلەر تىزىملىكى بىرىلگەن ، مەسىلەن بىر يان بۈلەك بىرىلىپ ، شۇ يانبۈلەكنى ئىشلىتىپ ھاسىل قىلىنغان بىرقانچە خەت بىرىلگەن .يەنە بىر ھۆجتتە بولسا ئىككى دانە ئوخشىشىپ كىتىدىغان خەت بىرىلىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن خەت قۇشۇلۇپ يېڭى سۆز ھاسىل قىلىنغان ،چۈشىنىش ۋە ئەستە تۇتۇماق ئاسان . ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ئىشلىرىدا ۋە خەنزۇتىلى ئۈگىنىشدە ئىشلىتىشكە ناھايىتى قۇلايلىق .
    (سىغىمى k 18 ، مەرەھمەتنى بېسىپ چۈشۈرۈش مەنزىلىگە كىرىڭ )
        مەرھەمەت !

  •       خەنزۇتىلىدا بەزى خەتلەرنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇقۇلىشى بۇلۇپ ھەر بىر ئۇقۇلىشى بىر مەنىنى بىلدۈرىدۇ ، شۇڭا خاتا ئىشلىتىپ قويغاندا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى توغرا ئىپادىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن . تۆۋەندىكى پىرىسلانغان ھۆجەتتە ئىككى دانە word ھوجىتتى بار بۇلۇپ ، بىرىدا كۆپ خىل ئۇقۇلىدىغان خەتلەرنىڭ  ئۇقۇلۇشى ۋە ھەر بىرىگە بىرقانچىدىن مىسال ئېلىنغان سۆزبار . ئىككىنچى ھۆجەتتە بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆپ خىل ئاھاڭدا ئۇقۇلىدىغان خەتلەرنىڭ ئۇقۇلۇشى ، ئۈلگە سۆزلىرى ۋە ئىشلىتىش ئورنى چۈشەندۈرۈلگەن . بۇ مەزمۇنلار خەنزۇتىلى ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە خەنزۇتىلى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ كۆرۈپ قۇيىشىغا ئەرزىيدىغان ياخشى مەزمۇنلاردۇر .
    (سىغىمى k 36 ، مەرھەمەتنى بېسىپ چۈشۈرۈش مەنزىلىگە كىرىڭ )
        مەرھەمەت !

  •                                                汉语惯用语 大全   خەنزۇتىلىدىكى ئادەت سۆزلىرى توپلىمى .

         خەنزۇتىلىدا  ئۆزمەنىسىدىن باشقا يەنە باشقىچە ئالاھىدە مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان بىر قىسىم سۆزلەر بار ، بۇ سۆزلەر ئادەتتە ئېغىز تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇپ ، ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرايدۇ . بۇ سۆزلەرنى ئۈگىنىۋالسىڭىز ئاددىي بىرقانچە ئادەت سۆزلىرى بىلەنمۇ ئۆز گىپىڭىزنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيسىز . توۆۋەندىكى ھۆجەتتە خەنزۇتىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئادەت سۆزلىرى توپلانغان بۇلۇپ ، ئادەت سۆزلىرى ۋە ھەربىر سۆزنىڭ مەنىسى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگـەن .سىغىمى   37k . (مەرمەت دىگەن سۆزنى چىكىپ چۈشۈرۈش مەنزىلگە كېرىڭ .)      مەرھەمەت
       

  •                               书信常用颂语 خەنزۇتىلدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆرمەت -  تىلەك سوزلىرى

             خەنزۇتىلىدا ھۆرمەت - تىلەك سۆزلىرى بىرقەدەر كۆپ ، تۈرلىرىمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ  . تۆۋەندىكى ھۆجەتتە چوڭلارغا ، تەشكىلات رەھبەرلەرگە ، بىلىم ساھەسىدىكىلەرگە ، سودا ، ھەربىي ساھەلەردە ، توي ، بايراملاردا ، تەڭتۈشلەر ئارا، خىزمەتداشلار ئارا ، كىچىكلەرگە ، كىسەل يوقلىغاندا ئىشلىتىلىدىغان تىلەك سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن .  سالام خەت ، ماقالە يازغاندا ، نۇتۇق سۆزلىگەندا ناھايىتى ياخشى ئەسقاتىدۇ . سىغىمى   21k  .( مەرھەمەت دىگەن سۆزنى  بېسىپ چۈشۈرۈش مەنزىلىگە كىرىڭ .)
          مەرھەمەت .

  •               成语解释及造句  خەنزۇتىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە تۈزۈلگەن جۈملىلىرى
          كىتاپ كۆرگەندە ياكى ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارغاندا بولسۇن خەنزۇچە تۇراقلىق ئىبارىلەر كۆپ ئۇچۇرايدۇ . بىرقىسىملىرىنى ئۇقۇيالغان تەقدىردىمۇ مەنىسىنى چۈشىنەلىشىمىز ، جۈملە تۈزەلىشىمىز ناتايىن . بىرقىسم تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىگە ۋە جۈملە تۈزىشكە ئېھتىياجىڭىز بار چاغدا دەرھاللا تاپالىشىڭىزمۇ ناتايىن .  تۆۋەندىكى تىكىست ھۆجىتىدە 100 دانە خەنزۇتىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان توراقلىق ئىبارىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ھەر بىرىگە بىردىن  تۈزۈلگەن جۈملە بار . سىغىمى 11k چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ ، ئەسقېتىپ قالىدۇ .تۆۋەندىكىسى ئۈلگە سۈرئىتى :

               مەرھەمەت 

باشقۇرۇشقا كىرىش