• 2010-06-07

    دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟ - [تەرجىمە ئەسەرلەر]

    دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

    مەشھۇر مېيىپ ئىلھام ئەلچىسى __ يوھان كۇتىس«约翰.库提斯»

     

    ئۇ 1969- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاۋىستىرالىيەدە تۇغۇلغان ،  تۇغۇلىشىنىنلا ئىككى پۇتى مېيىپ بۇلۇپ ، 17 ياش ۋاقتىدا ساقدىشى ئۇنىڭ  ھچقانداق سىزىمى بولمىغان پۇتىنى قەلەمتاراچ بىلەن كىسىپ تىتىما تىتما قىلىۋېتىپ ،جاراھەت ئېغىزى ياللۇغلىنىپ قالغاچقا بەدىننىڭ تۆۋەنكى قىسمى مەجبۇرى كىسىۋېتىلگەن . بۇ مېيىپ كىشى دەل يوھان كۇتىس(John Coutis) ئىدى . يوھان كۇتىس تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئۇمۇتقا سۆڭىكى تەرەققى قىلالمىغانلىقتىن ، ئىككى پۇتى ئەسلا شەكىللەنمىگەن ، مېڭىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ،ھەتتا يالغان پۇت ئورنۇتۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى  .بىراق ئۇ تەقدىرگە باش ئەگمىدى ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ تىرشچانلىقى ۋە غەيرىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان مېيىپ نۇتۇق سۆلىگۈچىگە ئايلاندى .

            ئۇ بىر قەيسەر ئادەم . ئۇنىڭ چاقلىق ئۇرۇندۇقى بار ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن  چاقلىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرمايدۇ ، ئەكسىچە ئىككى قۇلىغا تايىنىپ ماڭىدۇ . ئۇ مېيىپ ئەمما تەنھەركەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ . ئۇ ئىلگىرى ئاۋىستىرالىيىنىڭ مېيىپلار تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغاان ، پۈتۈم مەملىكەتلىك ساغلام ئېغېرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن . ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزى قىلىشنى ئويلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلمەكتە  ، ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش  ، چېنىقىش ، سۇ ئۈزۈش ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەش ، مانا بۇلار بىلەن ئۇ نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرمەكتە . 

    يوھان كۇتىسنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ئىشلار :

    1969- يىلى ئاۋىېتىرالىيەدە تۇغۇلغان .

    1988- يىلى 9- ئايدا ئۆزى ئىشلەپ پۇل تېپىپ تۇنجى ماشىنىسىنى سېتىۋالغان .

    1992 – 1994 -  يىلغىچە ئۇدا ئۈچ يىل ئاۋىستىرالىيە مېيىپلار تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن ، دۇنيا بۇيىچە 13 – ئۇرۇنغا تىزىلغان .

    1994- يىلى جەنۇبى ئافرىقا پىرىزدېنتى نېلسون ماندىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان .

    1996- يىلدىن باشلاپ ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلغان ، ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 125 كىلوگىرام .

    1999- يىلى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان .

    2000-يىلى 5 – ئايدا راك كىسىلى پۈتۈنلەي ساقايغان .

    2000- يىلى ئاۋىستىرالىيە تەنتەربىيە ئورگىنىنىڭ ئۇقۇش مۇكاپاتىگە نائىل بولغان .

    2000-يىلى مەملىكەتلىك ساغلام ئېغېرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن .

    2000-يىلى پالاق توپ ، كالتەك توپ تۈرىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تېرىنېرلىقىغا ئېرىشكەن .

     

    يوھان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇقۇش ھاياتىنى تاماملىغاندىن كىيىن خىزمەت ئىزدەشكە كېرىىشىدۇ . نۇرغۇن قېتىملىق رەت قىلىنىشلاردىن كىيىن ئاخىرى بىر ملىچ مال دۇككىنىڭ خۇجايىنى ئۇنى ئىشقا ئالىدۇ . كىيىن يەنە مال ساتقۇچى ، تېخنىك خادىم بۇلۇپ ئىشلەيدۇ . بىر قېتىملىق تاسادىبىي پۇرسەت يوھان كۇتىسنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدۇ . بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق يىغىلىشىدا ، يوھان كۇتىس تەكلىپ بىلەن ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بىرىدۇ . ئۇنىڭ ئازاپ – ئۇقۇبەتلىرى ۋە تارتقان جاپا مۇشاقەتلىرى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ . نۇرغۇن كىشى كۆزىگە ياش ئالىدۇ ، ھەتتا بىر خانىم سەھنىگە چىقىپ يوھانغا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن بەختسىز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا تەييارلانغانلىقىنى ، ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ ئەرزىمەس كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . بۇ ۋاقتتا يوھان تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ كۆرەشچان ھاياتىنىڭ ، ھايات تەجىربىلىرىنىڭ ، كىشىلەرگە يېڭى قوزغۇتۇش بىرەلەيدىغانلىقىنى ، كىشىلەرنى ئاكتىپ بولغان روھى ھالەتكە ئىگە قىلالايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنى تېخىمۇ خوشال قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسپى ئىلھام ئەلچىسى بۇلۇش يۇلىغا قەدەم تاشلايدۇ .

     

    1999 -يىلى تەڭرى يوھاننى يەنە بىر قېتىم ھايات - ماماتلىق سىناققا دۇچار قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۇرۇقدان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلىپ ، ئىككى تاشقى بۆرىكى كىسىپ ئېلىۋېتىدۇ ، ئەمما دۇختۇر ئۇنىڭغا راك ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئاللابۇرۇن تارقىلپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ پەقەت 12ئايدىن 24 ئايغىچە ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ . يوھان ئۈلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ ، ئۇبىر يىل ئىچىدە كۆپلەپ ھەرخىل ماتىرياللارنى ئۇقۇپ ، ھەر تەرەپتىن ياخشى تەكلىپلەرنى ئىزدەيدۇ .بۇ جەريانىدا ئۇ بىر پىشقان راك كىسىلى مۇتەخەسىسىگە ئايلىنىدۇ . 2005- يىلى 5- ئايدا دۇختۇر ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن يوھاننىڭ ھايات يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ .  

     

    2006-يىلى 6- ئايدا يوھان توي قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئايالى لىئن بىر گۈزەل ئايال ئىدى ، ئۇنىڭ يەنە ئالتە ياشلىق كىلەيتۇن ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى . كىلەيتۇن كىچىكىدىن باشلاپ كىسەلچان بۇلۇپ ،بىر قانچاخىل كىسەلگە تەڭلا  گىرىپتار بولغان ئىدى . ئوخشىشىپ كىتىدىغان كەچۈرمىشلەر يوھان بىلەن ئوغلىنى بىر ئورتاق تىلغا ئىگە قىلىدۇ . ئۇ دائىم «مىنىڭ ئوغلۇم چۇقۇم ياراملىق ئادەم بۇلىدۇ » دەيدۇ .

     

    يوھان كۇتىس ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر ئادەم . ئۇ باشتىن كەچۈرگەن ناچار شارائىت ۋە مۇۋاپىقىيەت ، ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا زور ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە ، يوھان كۇتىس ھازىر ناھايىتى تىزلا دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر مېيىپ نۇتۇقشۇناشقا ئايلاندى  ، خەلىقئارادا زور ئابرويغا ئىگە بولدى .ئۇنىڭ ھەربىر سۆزى ، ھەربىر ھەرىكىتى بىز ئۈچۈن ئىلھام بولغۇسى .

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ بەى قىلمىشلىرىدىن نۇمۇس قىلىپ قالدىم