•  

      چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر تەڭلىمات بېسىش ھۈنىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي ھۈنەر سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن مەزكۇر تۈر 2007-يىلى 6-ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ، 2008-يىلى 6-ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلدى . ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋارىسچىسى توغراقلىق يېزا ئارىش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان توختى مۇسادۇر .   تەڭلىمات كىگىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇ قوينىڭ قارا يۇڭى بىلەن گۈل تىزىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . چەرچەندە بۇ خىل كىگىز چەرچەندە ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ ،

  • ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىلىۋزىيە ئىستانسىسى «مەشراپ » پىروگىراممىسىدا ئۇرۇنلانغان بۇ « چەرچەن تاغ مەشرىپى » ئۆزگىچ ە مۇزىكىسى ، ناخشا تىلى ۋە كۈرۈنۈش ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى .جۈملىدىن مەنمۇ « چەرچەن مەشرىپى»نىڭ مۇزىكىسىنى ياقتۇرىمەن ، ناخشا مۇزىكا ،ھەرىكەت ناھايىتى ماسلاشقان ، ناخشىدا بولسا بىر ئاڭلاش بىلەنلا كۈچلۈك چەرچەن شىۋىسى پۇرۇقىنى ھېس قىلغىلى بۇلىدۇ ،مانا بۇمۇ بۇ كىچىك مەشرەپنىڭ ناھايىتى ياخشى چىقىشنىڭ مۇھىم سەۋەبىڭ بىرسى بولسا كېرەك . 

       

  •  

    قەدىرلىك مەكتەپداشلار ، مەكتەپ ھاياتى نۇرغۇن ئەسلىمىلەرگە تولغان بۇلدۇ . گەرچە مەكتەپتىن ئايرىلغان بولساقمۇ ئاشۇ مەكتەپكە ، ئاشۇ مەكتەپتە بىرگە ئۇقۇغۇغان ساۋاقداشلارغا مېھرىمىز بۇلىدۇ .   مەنمۇ چەرچەن ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان سابىق ئۇقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەكتىپىمنى ، ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن . تۆۋەندىكى سىن لىنتىسى بولسا چەرچەن ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كىيىنكى مەكتەپنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن سىن لىنتىسى .   مەكتەپداشلارنىڭ ، ساۋاقداشلارنىڭ مەزكۈر سىن لىنتىسى بىلەن ئاشۇ ئۇقۇش ھاياتىنى ئەسكە ئالالىشىغا ئىشىنىمەن .

     

  •      چەرچەنگە بېرىپ باققانمۇ سىز ؟ تەكلىماكانغا جايلاشقان بۇ بوستانلىق ئۈزلىكسىز ئۆزگۈرىۋاتىدۇ ، ھەمدە بۇ ئۆزگىرىشلەر داۋاملاشقۇسى .  تۆۋەندىكىسى چەرچەننىڭ يېقىنىقى بىر قانچە يىلدىن بېرىقى ئۆزگىرىشلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر . .

  •  

      بۇ  سىن لىنتىسى مەركىزى خەلىق تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 10 - قانىلىدا كۆرسىتىلگەن بۇلۇپ ، بۇ سىن لىنتىسىدا چەرچەن ناھىيىسى تارىخى ، قەدەمىي شەھەر ئورنى ، جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى كۆپ تەرەپتىن تۇنۇشتۇرۇلغان .چەرچەن نەھىيىسىنى چۈشۈنىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ . (خەنزۇچە)

  •       98   يىللىق تارىخقا ئىگە توغراقلىق بەگ قورۇقى چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن 2.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توغراقلىق يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 780 كۋادرات مېتىر، 11 ئېغىز ئۆي، ئىككى ئېغىز ئايۋاننى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنى نىياز بەگ قەشقەرلىك قۇرۇلۇش ئۇستىسى زۇنۇن قەشقىرىنى تەكلىپ قىلىپ سالدۇرغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ تېمىنىڭ ئاستىغا پىششىق خىش، تۆپىسىگە خام خىش بېسىپ قوپۇرۇلغان. ياغاچ قۇرۇلمىلىق دېرىزە ئورنىتىلغان ئۆينىڭ ئاستىغا كۆك رەڭلىك پىششىق خىش ياتقۇزۇلغان. ئۆيلەرنىڭ ئىچ تېمى تۇخۇم، ناۋات، گەج ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سىرتقى قىسمى توزغاق بىلەن سېغىزدا سۇۋالغان بولغاچقا، تاملىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم. بۇ قورۇق 1953 – يىلى توغراقلىق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، 1964 – يىلىغىچە ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئىشلىتىلگەن، 1966 – يىلىدىن 1985 – يىلىغىچە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى قىلىنغان. 1992 – يىلى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن.

  •          ئۈرۈمچى، 10–دېكابىر تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ2010- يىلى  10–دېكابىر چەرچەن ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ ناھىيەدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى 9–دېكابىر لايلىق خارابىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ساپال پارچىلىرى مەركەزلىك تارقالغان جايدا يېڭىدىن كۆپ مىقداردىكى ساپال بۇيۇم ، تاش قورال (تەركىبىدە زۇمرەت بار ) ، مىس قورال ، بېزەك بۇيۇملىرى ۋە بىر قىسىم ياغاچ پارچىلىرىنى بايقىغان ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى يەر يۈزىگە چىقىپ قالغان ، بەزىلىرى توپىغا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ ، دائىرىسى 60 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن ، بۇ جايدا ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا قەدىمىي قەبرىستانلىق ۋە خۇمدان بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

  •   يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى چەرچەن ناھىيلىك ھۆكىمەتنىڭ زور مەبلەغ سېلىشى ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە چەرچەن ناھىيسىنىڭ چىلان تىكىلگەن كۆلەم 10 مىڭ مودىن ئاشقان ) بۇنىڭ ئىچىدە 5.7 مىڭ مو يەردىكى چىلان كۈچىتى مىۋە بىرەلەيدۇ ) بۇ يىللىق چىلاننىڭ مەسھۇلات مىقدارى مىڭ توننىغا يىتىشى مولچەرلنىۋېتىپتۇ.
             چەرچەن ناھىيىلىك ھۆكىمەت زور كۈچ سەرىپ قىلىپ دېھقانلارنى تېخنىكا بىلىملىرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەملەپ دېھقانلارنىڭ ئېقتىسادىي كىرىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە زور كۈچ چىقاردى . مەسىلەن دېھقانلارغا چىلان ئۆستۈرۈش ، يىتىشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۈگتىش بىلەن بىرگە ، ھەر بىر يېزىدا بىرقانچە نۇقتىلىق ئۈلگىلىك چىلانچىلىق ئائىلىسىنى بىكىتىپ ئۇلارنى تېخنىكا ۋە بىر قىسىم ماتىرياللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى . پۈتۈن ناھىيدىكى چىلانچىلىق ئائىللىرىنى بىرقانچە قېتىم تۈركۈم بۇيىچە چارقىلىق ناھىيىسىگە  ئىكىسكۇرسىيەگە تەشكىللەپ ، دېھقانلارنىڭ چىلان ئۆستۈرۈشكە بولغان كۆز قارىشىنى يېڭىلىدى .

  •  

    1  . ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ
           ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ، ﺋﯩﺮﻗﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺷﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺷﯘ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﺘﯩﺘﯩﻚ ﺋﯧﯖﻰ ﯞﻩ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﻪﭼﻤﯩﺶ - ﺗﺎﺭﯨﺨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ .ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ چەرچەن ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﻟﭙﻪﻙ ﻛﯩﻴﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ، ﺑﯘ ﺗﻪﻟﭙﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ، ﺋﯧﮕﯩﺰ - ﭘﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ ، چەرچەنﺩﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻦ ﻗﻪﭘﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
            چەرچەن ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﭙﯩﻜﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺴﯩﻤﯘ ، ﺭﻩﯓ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .

باشقۇرۇشقا كىرىش