• 2010-11-09

    چەرچەن ناھىيىسىدە 2000 نەچچە يىلدىن ئارتۇق تارىققا ئىگە بولغان قەۋرەگاھلىق بايقالدى ! - [چەرچەن ھەققىدە]

           چەرچەن ناھىيىسىدە 2000 نەچچە يىلدىن ئارتۇق تارىققا ئىگە بولغان قەۋرەگاھلىق بايقالدى !
         چەرچەن ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل يازدا كەلكۈن كەلگەندىن كىيىن ، 2000 يىللدىن ئارتۇق تارىققا   ئىگە بولغان بىر قەۋرىلەر توپى بايقالغان . بۇ قەۋرەگاھلىق قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىش ۋە تازىلاش خىزمىتى 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى رەسمى باشلانغان .
             مەزكۈر ناھىيىدىكى مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە ، بۇ يىل 8 ئايدا چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئاچچان يېزىسىدا كەلكۈن كەلگەندىن كىيىن بىر قىسىم ئادەم ئىسكىلىتلىرى ،تاش، ساپال بۇيۇم قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئېقىپ كەلگەن ھەمدە بۇ بۇيۇملار چارۋىچىلار تەرىپىدىن سۈزىۋېلىنغان .ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇ يەردىن بىر قەۋرىلەر توپىنى بايقىغان .بۇ قەۋرىلەر توپى يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 2800 مىتىر ئىگىزلىككە جايلاشقان . ئەھۋال ئېنىقلانغاندىن كىيىن ناھىيە دەرھال بۇ ئىشنى يۇقۇرىغا يوللىغان .
             11- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىينىڭ ئارخىلوگى ۋاڭ دوكتورنىڭ باشچىلىقىدا بۇ قەۋرەگاھلىققا قارىتا رەسمى قېزىش خىزمىتى باشلانغان .
             ۋاڭ دوكتۇرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قەۋرىلەر توپىدا جەمىي 21 قەۋرە بار بۇلۇپ ، توپا قاتلىمى قېلىن بولغاچقا، ئەگەر كەلكۈن كىلىپ مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئېقىتىپ چىقمىغاندا بۇ قەۋرىلەر توپى بايقالماسلىقى مۇمكىكەن .بۇ قەۋرىلەرنىڭ دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 200 _ 500 يىللار (بۇندىن 2200 يىلدىن 2500 يىلغىچە )ئەتراپىدا بۇلۇپ ھازىرغىچە ئىككى  قەۋرە بىرقەدەر مۇككەممەل ساقلىنىپ قالغان ، باشقا قەۋرىلەر مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرىغان .
         خىزمەتچى  خادىملار كەلكۈن بۇزىۋەتكەن قەۋرىلەرنى تازلاۋاتقاندا بىر ئادەمنىڭ باشسىز گەۋدىسىنى قېزىپ چىقارغان . ۋاڭ دوكتۇرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئادەم ئەر بۇلۇپ ، 45 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەن . بۇندىن باشقا بۇ قەۋرىلەر توپىدىن يەنە ئادەم سۆڭىكى ، قوي سۆڭىكى ، شېغىل ، ساپال بۇيۇملار ، قەرە تىپىدىكى تاش جەسسەت ساندۇقلىرى تېپىلغان . بۇ قەۋرىدىن يەنە تۆت دانە قوي ۋە ئىككى دانە ئۆچكىنىڭ ئاجرتىلغان سۆڭىكى تېپىلغان . بۇنىڭدىن بۇ قەۋرىدىكى بۇيۇملارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدىكەن .
             خىزمەتچى خادىملار يەنە بۇ قەۋرىدىن غەرىبىي خەن دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان سۇ ئىچىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئىككى دانە قارا كۆمزەكنى تاپقان . ۋاڭ دوكتۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى دەۋىردىكى دەپنە قىلىنغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا ئالتۇن تەڭگىلەر سېلىپ قۇيۇلاتتىكەن ، ئەمما بۇ يەردىكى قەۋرىلەردىن بۇ خىل ئەھۋاللار بايقالمىغان .
         بۇ قەۋرىگاھلىقتا داۋاملىق قېزىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا .

         تېڭشۇن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى .



    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بىزنى تارىخى ئىشلارغا پايدىسى تەگسىكەن .