• 2009-05-02

    ئامىرىكىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ماتىماتىكا دەرىسى . (1) - [مائارىپىمىزغا نەزەر]

    ئامىرىكىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ماتىماتىكا دەرىسى .  (1)

       مەزكور پارچە خۇاڭ چۈەنيۆ ئەپەندىنىڭ « شىنجاڭ مائارىپى » ژورلىنىدا ئېلان قىلىنغان « ماتىماتىكا مائارىپىدىن ئامىرىكىنىڭ پاراسەتلىك ئۇقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىغا نەزەر » ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىنغان بۇلۇپ ، بىز ھازىرغىچە ئۈگۈنۈپ كىلىۋاتقان ھەم ئۈگىتىۋاتقان ماتىماتىكا ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پەرىقلىنىدىكەن . بىز ھەممىمز ماتىماتىكا ئۈگىنىپ باققان ، ھەرخىل ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ كۈرۈپ باققان ، بىز ئۈچۈن فورمىلادىن پايدىلىنىپ ھېسابلارنى  ئىشلەش ئاسان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق بۇلىدۇ دىگەن سۇئاللار ئاز . ماتىماتىكا دەرىسىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل تۆۋەن بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ « دۆت»لىكىدىنمىدۇ ؟  ياكى ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ياخشى ئەمەسمىدۇ ؟ ۋە ياكى كىتاپ ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيۋاتامدۇ ؟؟ مىنىڭچە بۇ پارچە  ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنچىلەرگە ئىگە بۇلالايمىز .

     

    .....

    بىر قەپەسكە تۇخۇ تۇشقان ئارلاش سۇلانغان بۇلۇپ ، جەمىي بەش باش ،14 پۇت بولسا ، ئۇنداقتا قەپەستە قانچە تۇخۇ ، قانچە توشقان بار  ؟  كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ مەسىلىنى ھېسابلاشقا دائىر مەسىلە دەپ قاراپ ، توشقاننىx   ، توخۇنىy  دەپ پەرەز قىلىپ ،  x + y = 5      بۇيىچە ھېسابلايدۇ  .

                بۇ مەسىلىنى ئۇقۇتۇشنى ھېسابلاش ئۇقۇتۇشى دەپ قاراش كېرەكمۇ  ياكى ماتىماتىكا ئۇقۇتۇشى دەپ قاراش كېرەكمۇ ؟ تۆۋەندە ئامىرىكا ماتىماتىكا مائارىپىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئخشاش مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى كۈرۈپ باقايلى :

              كۆل بۇيىدا ئولتۇرىدىغان بىر بوۋاي ئىت ۋە ئۆردەك باققان بۇلۇپ ، مەلۇم بىر كۈنى بوۋاي 5 باش ۋە 14 پۇتنى كۆرگەن بولسا ،  ئۇنداقتا بوۋاي قانچە ئىت ۋە قانچە ئۆردەكنى كۆرگەن ؟

            ئۇقۇتقۇچى : مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپقىلى بۇلامدۇ يوق ؟

          ئۇقۇغۇچىلار بەس – بەستە جاۋاپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .

          A ئۇقۇغۇچى :  جاۋاپنى تېپىش ئانچە تەس ئەمەس ، پەقەت پۇتقا دائىر مەسىلە بىلەن باشقا دائىر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىككى ئىپادە تۈزسەكلا بۇلىدۇ  . ....ئۇقۇتقۇچى A ئۇقۇغۇچىنى داۋاملىق سۆزلەتكۈزمەستىن ، ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇنداق دەيدۇ :« ناھايىتى ياخشى  ، قېنى ، بۇ ئىككى ئىپادىنى كىم تۈزۈپ باقىدۇ .؟»

         B ئۇقۇغۇچى :ئىتنى X  ، ئۆردەكنى Y دەپ پەرەز قىلساق ، 4(X) + 2(Y)=14                          بۇلىدۇ .

          Cئۇقۇغۇچى  مۇنداق يازىدۇ  : X + Y = 5

         ئۇقۇتقۇچى  :  بۇ ئىككى ئىپادە توغرىمۇ  ؟

    ئۇقۇغۇچىلار « توغرا » دەپ جاۋاپ بىرىشىدۇ  .

    ئۇقۇتقۇچى : ئەمدى بىز جاۋاپنى ھېساپلىماستىن ، بۇ ئىككى ئىپادىگە ئاساسەن جاۋاپنى پەرەز قىلىپ ، ئۇنىڭ مۇۋاپىق بولغان بولمىغانلىقىغا قاراپ باقايلى ......

           ئۇقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بىر  - بىرگە قارىشىپ ، ھېسابلاشقا بولمىسا جاۋاپنى قانداق تاپقىلى بۇلا ، دىيىشىدۇ .

           ئۇقۇتقۇچى : بېشىڭلار قېتىۋاتامدۇ ؟ توغرا ،  بىز ھازىر توغرا جاۋاپنى ھېسابلاپ چىقماستىن ، بەلكىي تەخمىنىي جاۋاپنى پەرەز قىلىمىز .

            ئۇقۇغۇچىلار يەنىلا نەدىن قول سېلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ئولتۇرىشىدۇ  . .....

            ئۇقۇتقۇچى : سىلەر جاۋاپ بىرەلمىگەنىكەنسىلەر  ، ئۇنداقتا سىلەردىن سوراپ باقاي ، 5 ئىت ۋە 4 ئۆردەك توغرىمۇ ؟

          ئۇقۇغۇچىلار چۇۋۇرلاشقان ھالدا : توغرا ئەمەس ، بەش ئىت ۋەتۆت  ئۆردەكنىڭ جەمئي 9 بېشى بۇلىدۇ ، ئەمما بوۋاي پەقەت بەش باشنىلا كۆرگەن .

          ئۇقۇتقۇچى : ئۇنداقتا ، ئىتنىڭ پۇتىنىڭ سانى بىلەن ئۆردەكنىڭ پۇتىنىڭ سانىنى كىم ئېيتىپ بىرەلەيدۇ ؟

         ئۇقۇغۇچىلار يەنە بىر – بىرىگە قارىشىپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ئولتۇرىشىدۇ .....

          ئۇقۇتقۇچى : ئەگەر مەن ئىتنى تۆتتىن كەم ئەمەس ، دىسەم سىلەر  قانداق قارايسىلەر ؟

         B ئۇقۇغۇچى : توغرا ئەمەس ، چۈنكى بىز تۈزگەن ئىپادىدە پۇتنىڭ ئۇمۇمىي سانى 14 ، ئەمما بۇ يەردە تۆت ئىتنىڭ پۇتى 16 ، ئەجىبا بوۋاي مەستلىكتە  ئۈزىنىڭ پۇتىنىمۇ قۇشۇپ سانىۋالغانمىدۇ  .

         دەرىسخانىدا پاراققىدە كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرىلىدۇ .

         ئۇقۇتقۇچى  : ناھايىتى ياخشى ، ئۇنداقتا ئىت ئۈچ  بولسا بولامدۇ – بولمامدۇ ؟

         ئوقۇغۇچىلار ئويلىنىدۇ ......

         C ئۇقۇغۇچى : يەنىلا توغرا بولمايدۇ .

         ئۇقۇتقۇچى قىزىققان قىياپەتتە « نىمە ئۈچۈن ؟ » دەپ سورايدۇ  .

        C ئۇقۇغۇچى : ئەگەر ئىتنى ئۈچ دىسەك ، بەش باش ۋە 14 پۇتتىن ئىبارەت شەرتكە نىسبەتەن پەقەت ئىككى ئۆردەك بىلەن ئىككى ئۆردەك پۇتى ئېشىپ قالىدۇ . دىمەك شۇنداق بولغاندا بىر ئۆردەك پۇتسىز توكۇر ئۆردەك بولۇپ قالىدۇ ....

        دەرىسخانىدا يەنە بىر قېتىم كۈلكە ئاۋازى كۈتۈرىدىدۇ .

        ئۇقۇتقۇچى : ياخشى ، بىز ئىت ۋە ئۆردەكلەرنى ھەممە ئەزاسى مۇكەممەل ، پۇتى كەمتۈك ئەمەس دەپ پەرەز قىلايلى ، شۇنداق بولغىنىدا قانچە ئۆردەك بۇلىشى كېرەك ؟ 

     ئۇقۇغۇچىلار باشتىكىدەك سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرماستىن ، بەلكى بەس - بەستە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىدۇ  .

      D ئۇقۇغۇچى مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئالدىنقى شەرت بەش باش ۋە 14 پۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .

      ئەگەر ئىت ئۈچتىن كەم بولسا ، ئۆردەكنىڭ سانىنى قانداق ئۇيلىشىش كېرەك ؟

    E ئۇقۇغۇچى : بۇ  ، ئۆردەكنىڭ چۇقۇم ئۈچتىن كۆپ بۇلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . چۈنكى ، باشنىڭ ئۇمۇمىي سانى بەش بولغانلىقتىن ، ئىتنىڭ سانى ئۈچتىن كەم بولسا ، ئۆردەك ئۈچتىن كۆپ بولمىسا ، باش بەشكە توشمايدۇ  .

        ئۇقۇتقۇچى  :  بۇ ساۋاقداشنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسى بار . ئىت ئۈچتىن كەم ، ئۆردەك ئۈچتىن كەم ئەمەس بۇلىشى كېرەك  . ئەمدى بىز ئىزدەيدىغان كىيىنكى يىپ ئۇچى نىمە  ؟

        ئۇقۇغۇچىلار ئىزدىنىدۇ .....


    收藏到:Del.icio.us