-
ئامىرىكىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ماتىماتىكا دەرىسى . (2) - [مائارىپ ئۇچۇرلىرى]
2009-05-02 | خەتكۈچ: مائارىپ
ئامىرىكىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ماتىماتىكا دەرىسى . (2)
ئۇقۇتقۇچى : ئەگەر ئۆردەكنىڭ ئۈچ بولسا ، ئۆردەكنىڭ پۇتلىرى قانچە ...
ئۇقۇغۇچىلار : ئالتە
ئۇقۇتقۇچى : توغرا ! ئەگەر ئۆردەك ئۈچ ، پۇتلىرى ئالتە بولسا ، ئۇنداقتا ئىتنىڭ سانىنى قانداق ھېسابلاش كېرەك ؟
A ئۇقۇغۇچى : ئەگەر ئىتنىڭ پۇتى 12 دىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك بولسا ، بۇ ئىتنىڭ ئۈچتىن كۆپ پۇتى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . دىمەك ، ئۆردەك كېمىدە ئۈچ بولغاندىلا ئاندىن بەش باش بۇلىدۇ . ئۈچ ئۆردەكنىڭ پۇتى ئالتە بۇلىدۇ . شۇڭا ئىت ئىككى بۇلۇپ ، پۇتى ...
ئۇقۇتقۇچى خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ : « بولدى ! داۋامىنى سۆزلىمەڭ . كۆپچىللىك ئەمدى ئىپادىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاپ بېقىڭلار . »
B ئۇقۇغۇچى سەل نارازى بولغان ھالدا : « مۇئەللىم ، قارىسام سىز ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كىتىپسىز ، مەن ھېچ چۈشىنەلمىدىم ، ئىككى ئىت ۋە ئۈچ ئۆردەكتىن ئىبارەت ،جاۋاپقا ئىرىشىش ئۈچۈن ، بىز بىرمۇنچە تالاش - تارتىش قىلىپ ، بىر دەرىس سائىتىدەك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدۇق . ئۇنىڭدىن كۆرە ، باشتىلا ئىپادىدىن پايدىلىن ھېسابلىساق جاۋاپقا ئاللىبۇرۇنلا ئېرىشىپ بولمامتۇق ... » دىدى .
ئۇقۇتقۇچى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : « سىز ناھايىتى ياخشى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز . كۆپچىللىك كۆپچىللىك ئويلاپ باقايلى . بىز نىمە ئۈچۈن باشتىلا تۈزىگەن ئىپادىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلىماي ، بەلكى پۈتكۈل كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانىغا بىر دەرىس سائىتى سەرىپ قىلدۇق ؟ »
E ئۇقۇغۇچى : بىز بىر مۇنچە ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ ئاشۇ توغرا بولمىغان جاۋاپنى كەلتۇرۇپ چىقاردۇق .
C ئۇقۇغۇچى : بەزىدە سىز بىر جاۋاپنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسىڭىز ، يەنە بىر جاۋاپنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىيالمايسىز .
F ئۇقۇغۇچى : بىراق ، شۇنچىۋالا كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىشقا ئەرزىمدۇ – يۇق ؟
ئۇقۇغۇچىلار بەس بەستە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا ئوتتۇرىغا قۇيۇشىدۇ ....
ئۇقۇتقۇچى رازىمەتلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :« كۆپچىللىككە رەخمەت ! ماتىماتىكا دەرسى ھېساپ دەرسى ئەمەس . شۇنداقلا ماتىماتىكا مۇجىمەل فورملا ئارقىلىق ھېسابلىنىدىغان ، جاۋاپقا پەقەت فورمىلا ئارقىلقلا ئىرىشكىلى بولىدىغان پەن تېخىمۇ ئەمەس . فورمۇلا سىزگە نىمە قىلىشنى ۋە قانداق قىلىشنى ئېيتىپ بەرسە ، ئۇنداقتا بىز ھېسابلىغۇچقا ئوخشاپ قالمايمىزمۇ ؟ بۇنداق ئىشلىسە نىمە ئۈچۈن خاتا بولىدىغانلىق مەسىلىسى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس . بۇ خۇددىي كومپىيوتىرنىڭ قايسى كۇنۇپكىسىنى باسسا ، كومپىيوتىرنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى بىلگەنگە ئوخشاش بۇلۇپ ، كومپىيوتىر مەشغۇلاتچىسىنىڭ خىزمىتىگە ئوخشايدۇ . پەقەت كومپىيوتىرنىڭ بۇ يىرىنى چەكسە نىمە ئۈچۈن بۇ نەتىجىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىلا ، ئاندىن كومپىتوتىر پىروگىراممىچىسى بولغىلى بولىدۇ . بىزنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز دىدوكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئىندۇكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق مەلۇم جاۋاپنىڭ توغرا ياكى ناتوغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ھەمدە بۇ جەرياندا ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت . »
مىنىڭچە بىز ئۇقۇغۇچىلارغا تەييار بىلىمنىلا ئۈگەتمەستىن ئۇلارغا بىلىم ئېلىش جەريانىنى ھېس قىلدۇرىشىمىز ، ئۇلاردا مۇستەققىل پىكىر قىلالايدىغان قابىلىيەتنى يىتىلدۈرىشىمىز كېرەك . تەييارنى ئۈگىنىش ياكى تەقلىد قىلىپ ئۈگىنىش _ دورامچىلارنىڭ كۆپىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ ، بىز مۇستەقىل پىكىرگە ئىگە ، تەسسەۋۋۇر – ئىجادىيەت ئىقتىدارى بولغان ئۇقۇغۇچىلارنى يىتىلدۇرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك .
收藏到:Del.icio.us
评论
كامالىي ئىھتىرام بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى