• ھاردۇقى چىقمايدىغان ئۇقۇتقۇچى . - [سەيياھ خاتىرىسى]

    2010-05-26 | خەتكۈچ: خاتىرەمدىن مائارىپ

     

    ھاردۇقى چىقمايدىغان ئۇقۇتقۇچى .

     

         بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئۇقۇغۇچىلاردىن مەۋسۈملىك ئىمتىھان ئېلىۋاتىمىز  . مەنمۇ ئۆ زسىنىپىمنىڭ نەتىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتاتتىم . چۈنكى مەن ئۆز سىنىپمدىكى ئۇقۇغۇچىلىرىمدىن ناھايىتى زور ئۈمۈت كۈتكەنىدىم . يىللىقلار بۇيىچە ئەڭ ياخشى ، ھەتتا مەكتەپ بۇيىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم . ئەپسۇس ، ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ئۈمىتسىزلىنىپ قالدىم . ھازىرغىچە ئالغان بىر قىسىم ئىمتھانلارنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ئوخشاش يىللىقتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا سەل-پەل ياخشى بولسىمۇ ، ئەمما مىنىڭ كۈتكىنىمدەك ياخشى ئەمەس ئىدى .ئەڭ مۇھىمى لاياقەتلىك نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن  ،ھەتتا بەزى پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسە  بىر مەۋسۈمدىن بىرى ئۇقۇغۇچىلارغا ھېچ نەرسە ئۈگىتەلمىگەندەك ھېسياتقا كىلىپ قالاتتى .

          مەن بۇ سىنپقا سىنىپ مەسئۇلى بولغىلى يېرىم يىل بولدى . بۇ سىنىپتىكى مۇنەۋەر بىر سىنىپ كوللىكتىپى قىلىپ  قۇرۇپ چىقىش ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسنى مۇنەۋەر بولمىسىمۇ ، ئەخلاقلىق – ئەدەپلىك ،تىرىشچان ، ئۈزىگە ئىشىنىدىغان ، ئۈگىنىش نەتىجىسىمۇ ئۈزلىكسىز يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈم بىلەن تىرىشىۋاتاتتىم . گەرچە تۇنجى قېتىم سىنىپ مەسئۇلى بولغان ، تەجىربىسىلىكىمگە قارماي ،ئىزدىنپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن سىنىپ خىزمىتىگە كىرىشكەن ئىدىم  . ئۇقۇغۇچىلىرىمدىمۇ ئالدىنقى بىر مەزگىللەرگە قارىغاندا بىر قىسم ئۆزگۈرۈشلەر بولغانىدى . ئۈگىنىشتىمۇ تىرىشىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىدى .  شۇڭىلاشقا مەن بۇ قېتىمقى ئىمتىھان نەتىجىسىدىن زور ئۈمۈت كۈتكەنىدىم .ئەمما نەتىجە مىنىڭ ئويلىغىنىمدەك چىقمىدى .  مىنىڭ سىنىپىمدىلا ئەمەس ، باشقا سىنىپلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بار ، بۇلۇپمۇ يېزىلاردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئىمتىھان نەتىجىلىرى پەۋقۇلادە تۆۋەن ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغاندەك  قىلاتتى ، مەن بۇنىڭدەك تۆۋەن نەتىجىلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بولغاندىن بىرى بۇنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق كۆپ ئويلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم  . گەرچە ئىمتىھان بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىنى تۇلۇق ئەكىش ئەتتۈرۈپ بىرەلمىسىمۇ ، ھەزىرقىدە ئىمتىھاندىن باشقا قېلىپلاشمىغان ئۆلچەم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا  ئىمتىھان ئۈگىنىش نىشانى بۇلۇپ قالغانىدى.

            مىنىڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى :

    1.                 ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ساپاسىنىڭ تۆۋەن بۇلىشى- سەۋەبنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك . بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ساپاسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ شۇ پەندىكى بىلىش دەرىجىسگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ .

    2.                 ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش سەنئىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى – ئۇقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش ، ئۇقۇتقۇچى دەرىسكە پۈتۈنلەي كىرىشىپ كىتىش ، ئۇقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش ۋە باشقا جەتتىكى بىرقىسم تەرەپلەرمۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش سەنئىتىگە  تەسىر كۆرسىتىدۇ .

    3.                 ئۇقۇتۇشتىن كىيىنكى ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان يىتەكچىلىكنىڭ ياخشى بولماسلىقى :

    4.                 ئۇقۇتقۇچى – ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن ياخشى پايدىلىنالماسلىقى :

    5.                 ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇشقا بولغان قىزغىنلىقنىڭ تۆۋەنلىكى :

    6.                 دەرسلىك مىقتارىنىڭ ئۈزلىكسىز كۈپىيىپ بېرىشى :

    7.                 ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ، تەييارلىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ياخشى بولماسلىقى :

    8.                 ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ياكى ھەددىن زىيادە يۇقۇرى بۇلۇپ كىتىشى سەۋەبىدىن ئىمتىھانغا تەييارلىقنى ياخشى قىلماسلىقى،  ھەتتا ھېچقانداق  تەييارلىقسىز ئىمتىھانغا قاتنىشىشى .

    9.                 ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈگىنىش ،تۇرمۇش ئەھۋاللىرىغا يىتەرلىك كۆڭىل بۆلەلمەسلىكى . 

            ئەلىۋەتتە بۇلاردىن باشقا سەۋەپلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ، يۇقۇرقى سەۋەپلەر تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇرۇشقىمۇ بۇلىدۇ .بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك پىكىر قىلىشقا بۇلىدۇ. شۇنداقلا ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشىنى،ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىنىڭ ئاستا بۇلۇشىنى بىر تەرەپكىلا ئارتىپ قۇيۇشقىمۇ بولمايدۇ .

            گەرچە بۇقېتىمقى بىرقىسىم ئىمتىھان نەتىجىلىرىدىن ئۈمۈتسىزلەنگەن بولساممۇ ، لىكىن يەنىلا بەل قۇيىۋەتمەيمەن .  بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى ، ئۈزلىرىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى ، مەنمۇ ھەم شۇنداق .   ئىشىنىمەنكى تىرشش ھەرگىز نەتىجىسىز قالمايدۇ .


    收藏到:Del.icio.us