• 2500-يىلدىكى مۆجىزە !! - [تەرجىمە ئەسەرلەر]

    2009-02-24 | خەتكۈچ: تەرمىلەر سەيياھ Seyyah

                                                2500-يىلدىكى مۆجىزە !!
                    2010- يىلى ، بىر 33 ياشلىق بىئولوگىيە ئالىمى پىدائىيلىق بىلەن ئۆزىنى باشقا ئالىملارنىڭ ياردىمى بىلەن توڭلىتىپتۇ  ، توڭلىتىشتىن بۇرۇن  ئۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە توڭلىتىلغان ۋاقتىنى خاتىرلەپ ، مەلۇم بىر جايغا ئۆزىنىڭ توڭلىتىلغان تىنى بىلەن بىريەرگە قۇيۇپ قۇيۇشنى ، كەلگۈسىدە پەن- تېخنىكىنىڭ قۇدىرىتى يەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ تىنىنى ئىرىتىشنى ئېيتىپتۇ . ئالىملار بۇ ياش يىگىتنىڭ  تىنىنى يۇقۇرى تېخنىكىلار ئارقىلىق   توڭلىتىپ ئاسان ئىرىپ كەتمەيدىغان ، بىر بىخەتەر جايدا ساقلاپتۇ .

                2500-يىلى . ئارىدىن 500يىل ئۆتكەن ۋاقىت .  ئالىملار دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگىدەك بىر خەۋەرنى ئېلان قىلىشىپتۇ .< بۇندىن 500 يىل بۇرۇنقى ئەجدادىمىز قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتى .   > ھەقىقەتەن بۇخەۋەر پۈتۈن دۇنيانى تەۋرىتىۋېتىپتۇ . نۇرغۇن كىشىلەر تەرەپ تەرەپتىن بۇ <ئەجدادى> نى كۆرۈشكە كىلىشپتۇ . يىگىت ناھايىتى ھەيرالىق بىلەن بۇ دۇنيا بىلەن قايتا دىدارلىشىپتۇ ، ۋە شۇ دەۋىردىكى تەرەققىياتنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قاپتۇ . 
         
              بىر قانچە كۈندىن كىيىن شەھەر  باشلىقى  يىگىتنى بىرپەن - تېخنىكا  مۇزىينىڭ ئچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بىرىشنى ئۈتۈنۈپتۇ ، يىگىت خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇتەرەققى قىغان شەھەرنىڭ پەن - تېخنىكا مۇزىيىنى كۆرۈپ باققۇسى كىلىدۇدە  ! مۇزىينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى  شەھەر باشلىقى يىگىتنى مۇزىينىڭ يۇپۇقىنى ئېچىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە يۇپۇق ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ زور پەن - تېخنىكا كەشپىياتىنى تۇنۇشتۇرۇپ  ، بىزنىڭ ئالىملىرىمىز يېقىندا بىرلا ۋاقتتا  چاڭ- توزاڭ سۈمۈرگۈچ  ، ئوكسىگىن ئىشلەپ چىقارغۇچ ،تۇپراق ساقلىغۇچ ، سۈزگۈچ ، بېسىم توۋەنلىشتۈرگۈچ ، سۇ ساقلىغۇچلۇق رولىنى ئۇينايدىغان ئەسۋاپتى كەشىپ قىلدى ، بۇ ئۇلۇغ ، تەڭداشسىز كەشپىياتنى تۇنجى بۇلۇپ كۆرۈشكە  ھۆرمەتكە سازاۋەر < ئەجدات > نى تەكىلىپ قىلىمىز دەپتۇ .  يىگىت پەخرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن بۇ ئۇلۇغ ، تەڭداشسىز كەشپىياتنى تۇنجى بۇلۇپ كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بۇلغىنىغا خوشال بۇلۇپ مۇزىيغا كىرىپ كىتىپتۇ .
            نەچچە مىنۇتتىن كىيىن يىگىت تىڭرىقىغان ھالدا دەلدەڭشىگىنىچە چىقىپ كەپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ : 
            - ئۇ پەقەت بىر تۈپ دەرەخكەنغۇ ؟!!!
                    

                                                (تەرجمە ئەسەر )

                       


    收藏到:Del.icio.us