• <چەرچەن دۆلىتى > ھەققىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ ئېيتقانلىرى . - [چەرچەن ھەققىدە]

    2009-03-27 | خەتكۈچ: چەرچەن 且末 ئا.مۇھەممەتئىمىن

    <چەرچەن دۆلىتى > ھەققىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ ئېيتقانلىرى .

     

    چەرچەن(且末) دۆلىتى .  < خەننامە ، غەرىبىي يۇرۇت تەزكىرىسى >دە چەرچەن دۆلىتىنىڭ خانلىق قەلئەسى چەرچەن شەھەرى دىيىلگەن .بۇ ئىسىم ھازىرغىچە ساقلانغان بۇلۇپ ،<ۋىيننامە > ، < سۈينامە >، <جەنۇبىي سۇلالىلەر تارىخى >، < شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى >ۋە < تاڭنامە > قاتارلىق مەنبەلەردە بىردەك چەرچەن < چېمو > دەپ يېزىلغان .<دىۋانۇ لوغىتىت تۈرۈك > دە <جۇرچەن  >دەپ يېزىلىپ چنىغا بارىدىغان يولدىكى شەھەر ، دەپ ئىزاھلانغان  .بۇ <جۇرچىن >دىگەنلىك بۇلىدۇ .< ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەرىپكە ساياھەت خاتىرىسى >ناملىق كىتاپتا چەرچەرن يېنىدىكى چىم تانا (折摩驮那)قەلئەسى تىلغا ئېلىنغان .شۈەنزاڭنىڭ خەۋەر بىرىشىچە : چىمتانا قەلئەلىرى قەد كۈتۈرۈرپ تۇرسىمۇ ،ئادەم ۋە تۇرخۇن تۈتۈەكلىرىدىن ئەسەر قالمىغان تاشلاندۇق شەھەر ، دىيىلىدۇ .شۈەنزاڭ چىمتانانى خوتەن بىلەن لوپنۇر ئارىسىدا دەپ ئىزاھلىغان .ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىپ سۇڭ يۈن (宋云)نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا چەرچەندە يەنە چىم ، موگەن ۋە مو()قاتارلىق ئۈچ شەھەر بولغان .يەر ئاستىدىن چىققان يادىكارلىقلاردا<calmadana>( چالماندا ) دىگەن خەتلەر بولغان .بۇ شۈەنزاڭنىڭ چەرچەن تىروتورىيىسىدە ئۇچۇراتقان ئەمدىلەتتىن تاشلانغان < چىم تانا >خارابىسى بولسا كېرەك .چالماندا شەھىرى بۇ جاينى بېسىپ ئۈتىدىغان ئالايرودا ( 阿来辱大)دەرياسىنىڭ  قۇرۇپ كىتىشى تۈپەيلى شۇ پېتى تاشلانغان بۇلۇپ ، بىر زامان قەد كۈتۈرۈپ تۇرغان بۇشەھەرنى كىيىنچە  قۇم دېڭىزى يۈتۈپ كەتكەن .ھازىرقى چەرچەن دەرياسى بۇيىدىكى بىر بوستانلىق بۇلۇپ ئۇييايلاق ، جىنكۆل ،ئارال ، توغراقلىق ، باغئېرىق ،قوشساتما ،تاتىراڭ ، يېڭىئۆستەڭ  قاتارلىق ئون نەچچە يېزىدىن ئىبارەت  .

     

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ < قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا  > ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن ئۆتكەن يىلى بارغان لېكىنزە زاغۇنلۇققا كىرگەزمەي قويدى.
    سەيياھ يازمىسى回复dunyakara说:
    مەنمۇ مەكتەپ تەشكىللەپ ئاپارغاندا كىرگەن . ھازىر چەرچەن مۇزىيى قۇرولدى ، بىر قىسىم ماتىرياللار مۇزىيدا بار . مىنىڭ بىلىشمچە زاغۇنلۇققا مەخسۇس شەخىسلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلمىدىغۇ دەيمەن .
    2010-07-09 20:26:36