مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2160 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

خانىم–قىزلار يۈز تېرىسىنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . شۇڭا نۇرغۇنلىغان خانىم –قىزلار تۈرلۈك تۈرلۈك پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ ، يۈز تېرىسىنى ئاقارتىشقا ئۇرۇنىدۇ . ھەر خىل تېرە ئاقارتىش مايلىرىنى ئىشلەتكەندە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرە زىيانغا ئۇچراپ ، تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەكىسچە ئۈنۈم بېرىدۇ . ئۇنداقتا پەرداز بۇيۇمى ئىشلەتمەيمۇ تېرىنى ئاق ، سۈزۈك قىلغىلى بولامدۇ ؟

 

   تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆرۈڭ :

   * ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۈزگە چىش پاسىتسى سۈرتۈپ بىر ئازدىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، يۈزدىكى داغ ، كىرلارنى چىقىرىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ ؛ 

   * ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورۇندىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىۋەتسە ، لىموننىڭ تەبئىي ئاقارتىش رولى بولغاچقا ، تېرىنى ئاقارتىپ ، يۈزدىكى داغ ، سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ . لىمون سۈيىدە يۈز يۇيۇپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ . 

   * ئالما ، تەرخەمەك شۆپەكلىرى ياكى تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، تېرىنى نەملەشتۈرۈپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . 

   * مەرۋايىت پاراشوكىدىن ھەر كۈنى 2–3 گىرام ئىچىپ بەرسە ياكى مەرۋايىت پاراشوكىنى گىلىتسېرىن (گەنيۇ) بىلەن نەمدەپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز تېرىسى ئىنتايىن سىلىق ، ئاق ، سۈزۈك بولىدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.