مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 923 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: تۈك خالتا ئېغىزىنىڭ يىرىڭلىق ياللۇغىلىنىشى تۈك خالتا ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ماتېرىياللىرىدا خۇرۇچ دەپ ئاتىلىدۇ .

1. قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ .

ھەرخىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن خىلىتلىق, خىلىتسىز ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ , جاراسىملارنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە قان خىلىتىدا ئۇفۇنەت پەيدا بولىدۇ. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئېقىمى ئارقىلىق تېرە تۈك خالتىلىرى ئەتراپىغا قۇيۇلۇپ يەرلىك ئورۇندا يىرىڭداش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. بەلغىمى شىرىندىن پەيدا بولىدۇ .

بەلغىمى شېرىن تەركىبىدە ھۆللۈك كۆپ بولۇپ قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە تەر بەزلىرىگە كېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە كىرىشمۇ مۇشۇ پەيتتە تېرە تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق تەسىرىدىن تېرە تەر تۆشۈكچىلىرى ئىتىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈك خالتا ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى: باش, بويۇن, كۆكرەك, كاسا, دۈمبە قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. تۈك خالتا ئېغىزى كىچىك يىرىڭلىق قاپارتما بولۇپ ئوتتۇرسىدىن تۈك تېشىپ چىقىدۇ , ئەتراپنى ياللۇغلۇق قىزىل ئايلانما ئوراپ تۇرىدۇ. يىرىڭلىق قاپارتما قۇرۇغاندىن كېيىن سېرىق قاقاچ باغلايدۇ , سېرىق قاقاچ چۈشۈپ كەتسە ساقىيىپ يەرلىك ئورۇندا پىگمېنت چۆكمىسى قالدۇرىدۇ. بىراق تاتۇق قالدۇرمايدۇ. باش تېرىسىدە پەيدا بولۇپ ساقايغاندىن كېيىن چاچ چۈشۈپ تاتۇق قالدۇرسا چاچ چۈشۈش خاراكتېرلىك تۈك خالتا ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ساقالدا پەيدا بولغىنى‹ساقال يارىسى› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆپۈنچە ھاللاردا پاكىزە بولمىغان ئۇستىرا ئارقىلىق ساقال چۈشۈرسە يۇقىدۇ , بۇرۇن تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە توغرا بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇرۇن تۈكىنى ئالغاندا تۈك خالتىسىنى زەخمىلەندۇرۇپ كېلىپ چىققان تۈك خالتىلىق ياللۇغىنى‹بۇرۇن تۈك خالتىلىق ياللۇغى› دەيمىز. بويۇن قىسمىدا بولۇپ ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە ياكى تاتۇق تۈگۈنچىلىرىنى ھاسىل قىلغان بولسا‹تاتۇقسىمان تۈك خالتا ياللۇغى› دەيمىز.

دىياگنوز ئاساسى: باش, بويۇن, كۆكرەك, دۈمبە, كاسا قىسىملىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. تېرە زەخمىسى بولسا تۈك خالتا ئېغىزىدا كىچىك يىرىڭلىق قاپارتما بولۇپ ئوتتۇرسىدىن تۈك تېشىپ چىقىدۇ. قاپارتما ئەتراپىدا قىزىل ئايلانما ئوراپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە ياشلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

سېلۇشتۇرما دىياگنوزى: دانىخورەكتىن پەرەقلەندۈرلۈپ دىياگنوز قويۇلىدۇ .

دانىخورەكنىڭ چىقىش ئورنى باش ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئوخشاش, بىراق دانىخورەك چىرايدا كۆپ پەيدا بولۇپ تېرە زەخمىسى ئالاھىدىلىكى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. دانىخورەكنىڭ تېرە زەخمىسى بولسا بەزىلىرىنىڭ ئۇچى ئاقارغان , بەزىلىرىنىڭ قارايغان بولۇپ سىققاندا ئىچىدىن سۈتسىمان ماددا چىقىدۇ .

داۋالاش پىرىنسىپى: 1. قان تازىلاش , ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق مەقسىتىدە ئىچى-سىرتىدىن دورا ئىشلىتىلىدۇ .

2. بەلغىمى شىرنىگە قارتا مۇنزىچ, مۇسھىل بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ .

داۋالاش ئۇسۇلى: قان تازىلاش, ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈچۈن مەتبۇخى شاھتەررە 50~100 مىللىلىتىر كۈنىگە 2 قېتىم. مەتبۇخى ھېلىلە 50~100 مىللىلىتىر كۈنىگە 2 قېتىم, ئىتتىرفىل شاھتەررە 10 گىرامدىن 2 قېتىم, مەجۈنى ئۆشبە 10 گىرامدىن 2 قېتىم, ئەرقى شاھتەررە 50~100 مىللىلىتىر كۈنىگە 2 قېتىم. يۇقىرىقى دورىلاردىن ئىككىنى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. سىرتىدىن قىچىشىشنى توختىتىش, ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە شاھتەررە 25 گىرام, خەشخاش پۇستى 20 گىرام, موزا 10 گىرام, چۆبچىن 15گىرام, رەۋەن 10گىرام, پوپەل 10گىرام يۇمغاق سۈت ئۇرۇقى 15گىرام دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. تېرە زەخمىسى قۇرۇشقاندىن كېيىن رەۋغىنى كىبرىت سۈركىلىدۇ. بەلغىمى شىرىنگە قارتا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى 50~100 مىللىلىتىر كۈنىگە 3 قېتىم ماددا پىشقىچە بېرىلىدۇ. ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئايارەنج لوغانزىيا 5 گىرامدىن كۈنىگە 1 قېتىم, 3~5 كۈنگىچە بېرىلىدۇ. ئاندىن قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىكى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش, ئۇستىرا, لۆڭگە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك لازىم.

قاننى قىزىتقۇچى, يەل پەيدا قىلغۇچى,كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى غىزالارنى ئىستېمال قىلماسلىق ھەمدە بەلغەمنى كۆپەيتكۈچى ھۆل سوغۇق غىزالارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلماي, يېمەك-ئىچمەكتىن مىزاجقا ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش لازىم. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.