مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1133 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

كىشىلەر بەدەن قىچىشىشنى مەينەتچىلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بەدەن قىچىشىش ئىچكى ئەزادىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆسمە توقۇلما ھۈجەيرىسى ھاسىل قىلغان گىستامىن ۋە قىسمەن بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلار قان ئارقىلىق تېرىگە بارغاندىن كېيىن تېرىنىڭ سېزىم نېرۋىسىغا تەسىر قىلىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بولۇپمۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا باسقۇچىدا كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. راك كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تېرە قىچىشىش بىلەن ئادەتتىكى قىچىشىش پەرقلىنىدىكەن. راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ بەدىنى سەۋەبسىزلا تۇيۇقسىز قىچىشىدىكەن. بۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، قىچىشىشنى توختىتىش دورىسىمۇ پايدا قىلمايدىكەن. بەدەننىڭ قايسى يېرى قىچىشسا، ئۇ ئورۇن ياكى ئەتراپىدا ئۆسمە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بەدەن سەۋەبسىز قىچىشسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك ئىكەن. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.