تونۇش:
سىفلىس بۇرما تەنچىسى پەيدا قىلغان سىرتقى جىنسىي ئەزا تېرىسىدە جاراھەت «يارا» پەيدا بولۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق سوزۇلما خاراكتېردىكى تىرە كېسەللىك «ياكى جىنسىي كېسەللىكى» بولۇپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە «كۈز يارىسى» خەلق ئارىسىدا قارا يەل دەپ ئاتىلىدۇ. غەرب تېبابىتىدە «سىفلىس» دەپ ئاتىلىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى: خىلىتلارنىڭ كۆپىيىشىدىن پەيدا بولىدۇ. سىفلىس بۇرما تەنچىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىفلىسنىڭ تۈرى: سىفلىس يۇقۇش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كېيىن شەكىللەنگەن سىفلىس ۋە تۇغما سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
كېيىن شەكىللەنگەن سىفلىس: كۆپىنچە ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بىۋاسىتە بۇلغانغان ماددىلار، قان بېرىش، بىمارلارنىڭ قاچا قۇچىلىرىنى ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە كىيىم كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ كىيىشى، بىۋاسىتە يېقىنلىشىش، سۆيۈشۈش قاتارلىق ۋاسىتىلىك سەۋەبلەردىن ساق ئادەملەرگە يۇقىدۇ.
ھامىلىگە ئۆتكەن سىفلىس: سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئايالىنىڭ قېنىدىكى بۇرما تەنچىسى بالا ھەمرىيىدىن بىۋاسىتە ئۆتۈپ، ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇنداق بالىلار تۇغۇلغاندىلا سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. مانا بۇ ھامىلىگە ئۆتكەن سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
كىلىنىك ئىپادىسى: كېيىن شەكىللەنگەن سىفلىس: دەسلەپكى دەۋرلىك «1-2دەۋرى» ئاخىرقى دەۋرلىك «3-دەۋرى»، ۋە يوشۇرۇن دەۋرىيلىك سىفلىستىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.
1) دەسلەپكى دەۋرلىك: (1) 1-دەۋرلىك سىفلىس : يەنى بۇ ئاساسلىقى ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ. يوشۇرۇن دەۋر 4-3ھەپتە بولۇپ يۇقۇملانغان ئۇرۇندا گۈرۈچ چوڭلۇقىدا خورما رەڭدە يەككە ھالەتتە ئۇچى ئۇچلۇق تۈۋى توم شەكلى يۇمىلاق ئەتراپى تەكشى، چېگرسى ئېنىق ئۇچى ئىششىق ئاغرىمايدىغان تۈگۈنچە پەيدا بولىدۇ. چوڭ كىچىكلىكى 1سانتىمېتىر كېلىدىغان دۈگىلەك ياكى ئېلىپىس شەكىللىك قاتتىق تۈگىنچىگە ئايلىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇچى زىدىلىشىپ شەلۋەرەيدۇ ياكى يارىغا ئۆزگىرىدۇ. يۇقۇمچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، تۈگۈنچە ئىچىدە يىرىڭ بولمايدۇ. يىرىق لىمفا تۈگۈنچىلىرى ئاغرىقسىز، يىرىڭسىز ئىششىيدۇ. ئۆز ئارا بىرلىشىپ كەتمەيدۇ.
2-دەۋرلىك سىفلىس: قاندىن پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. يۇقۇشچانلىقى ناھايىتى تىز، ئاساسلىقى تىرە شىللىق پەردىلەرگە چىقىدۇ، چىقىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىزىتما 39گىرادۇس، باش ئاغرىقى بوغۇملار ۋە مۈچىلەردە ئاغرىش كۆرۈلۈپ 4-3كۈنگىچە داۋام قىلغاندىن كىيىن ئەسۋە چىقىشقا باشلايدۇ. ئەسۋە ئاساسلىقى داغلىق ئەسۋە بىلەن دۆڭچە ئەسۋە بولۇپ رەڭگى مىس رەڭگىدە بولىدۇ. شەكلى تەخسە شەكلىگە كىرىپ قالىدۇ. سىفلىس قان زەردابى (+) .
3-دەۋرلىك سىفلىس: ئاخىرقى دەۋرلىك سىفلىس.
كۆپىنچە يۇقۇملىنىپ 4يىلدىن كىيىن كېسەل يۇقۇملىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى دەسلەپكى دەۋردە داۋالانمىغان ياكى داۋالاش ياخشى بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەسۋە بويۇن ۋە باشتا بولسا بەزىلىرى ئۈزلۈكسىز يوقۇلۇپ يەرلىك ئورۇن ئاقىرىپ قالىدۇ. بۇ خىل تىپتىكىنى ئاق كېسەلدىن پەرقلەندۈرىمىز. ئەقلىي تەپەككۇرى ۋە روھىي ھالىتى تۆۋەنلەيدۇ. باش قىسمىدا بولسا چاچلار خۇددى كۆيگەندەك چۈشۈپ كېتىدۇ.
3) يوشۇرۇن سىفلىس «4-دەۋرلىك» سىفلىسنى «+) تىكى ھېچقانداق كىلىنىك ئىپادىلىرى بولمايدۇ. يۇقۇملىنىپ 4يىل ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلىرى دەسلەپكى دەۋردىكى يوشۇرۇن سىفلىسنى يۇقۇملىنىپ 4يىلىدىن كىيىن كۆرۈلگەنلىرى ئاخىرىقى دەۋرىيلىك سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
2. تۇغما سىفلىس: ھامىلىدار ئايال سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولسا كۆپىنچە 4-ئايدىلا ھامىلىگە ئۆتۈپ ئۆلۈك تۇغۇلۇشى، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەيدا بولۇش ۋاقتىدا ئاساسەن دەسلەپكى دەۋرلىك تۇغما سىفلىس ۋە ئاخىرقى دەۋرلىك سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1) دەسلەپكى دەۋرلىك تۇغما سىفلىس: 3ئايدىن كىيىن كۆرىلىدۇ. دائىم بۇرۇن ياللۇغى بولىدۇ. ئېغىز ئەتراپى، مەقئەت، ئالىقان، تاپان، قاتارلىقلاردا پارچە-پارچە قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ. جىگەر، تال، لىمغا يوغىنايدۇ.
ئاخىرىقى دەۋرلىك تۇغما سىفلىس: كۆپىنچە 4ياشتىن ئاشقاندا يۈز بىرىدۇ. ئۇنىڭ 3 خىل ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.
(1) ئويۇل ماددىلىق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى (2) نېرۋا خاراكتېرلىك گاسلىق. (3) سۆڭەك پەردە ياللۇغى، قەقەچ شەكىللىك پاقالچاق ئىگىرىسىمان بۇرۇن قاتارلىقلارمۇ كۆرىلىدۇ.
دىياگنوزى: كېسەللىك تارىخى، كىلىنىك ئىپادىسى، پەيدا بولۇشى ئورنى قان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىياگنوزى: 1. جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى 2. قىزىل گۈللۈك ئەسۋە 3. تەڭگە تەمرەتكە
4. پاقالچاق ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى يىرىڭلىق يارا 5. سىل ئەسۋىسى
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.