مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1441 رەت   / مەنبە: -

1.تونۇش

ھەسساسىيەت تۈپەيلىدىن تىرە شىللىق پەردىلەردىكى قان-تومۇرلاردا رىئاكسيە يۈز بېرىپ، قان تومۇرلار ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق، قىزىل رەڭلىك مۇدۇر ياكى سۇلۇق ئىششىق پولتايسىمى يەلتاشما دەپ ئاتىلىدۇ.

2. كېسەللىك سەۋەبلىرى:

1) خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى-يەنى غەيرى تەبىئىي بەلغەم، قان سەپرا ۋە سەۋدا ۋە ئۇلاردىن ھاسىل بولغان يەللەردىن، ياكى قاننىڭ سەپراغا قوشۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) يېمەك ئىچمەك ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3) ھەر خىل دورىلارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

4) ھەر خىل يۇقۇملىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

5) روھىي ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6) فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7) ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

8) باشقا ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. كىلىنىكىدا تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى:

1) جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما.

2) قان تومۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق.

3) سۈنئىي يەلتاشما

4) كۈن نۇرى خاراكتېرلىك يەلتاشما..

5) سوغۇق خاراكتېرلىك يەلتاشما.

6) خولىن ئېنېرگىيەسى خاراكتېرلىك يەلتاشما.

كېلىنىكىلىق ئالامىتى:

ئاددىي يەلتاشما تېرىنىڭ ھەر قانداق قىسىمدا، ھەتتا شىللىق پەردىلەردە ھەر خىل چوڭلۇقتا، سۇس قىزىل، تاتارغان ياكى نورمال تىرە، رەُڭگىدىكى ئەسۋە پەيدا بولۇپ، چېگراسى ئېنىق، ئەتراپىدا قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ.

قاتتىق قىچىشىدۇ، ئېچىشىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. تېرىدىكى زەخمىلەر يېرىم سائەتتىن بىر نەچچە سائەتكىچە داۋاملاشقاندىن كىيىن ئۆزلۈكىدىن يوقۇلىدۇ. ئىز قالمايدۇ. ئەمما بىر كۆتۈرلۈپ بىر پەسىيىپ بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم قوزغىلىدۇ، بەدەننىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر يەلتاشما سەپرادىن بولسا، ئەسۋە كىچىك، ساغۇچ بولۇپ قاتتىق قىچىشىدۇ ۋە ئېچىشىدۇ.

ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ھېسسىي بەلگىلەر تىپىك بولماي ئەسلى رەڭگى تاتارغان رەڭدە ۋە ھەجىمى چوڭراق بولىدۇ.

دېمەك، يەلتاشما قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا، بەدەندە شۇ خىل خىلىتقا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بىرگە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يەلتاشما ئىچكى ئەزالاردا بولۇپمۇ ھەزىم سىستېمىسىدا كۆرۈلسە كۆڭۈل ئېلىشش قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق ھەزىم سىستېمىسىغا ئائىت ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 ئەگەر كېكىردەك ۋە يۇتقۇنچاق قىسىملىرىدا بولسا، يۇتقۇنچاق سۇلۇق ئىششىقى كۆتۈرلۈپ، نەپەس قىيىنلىشىش، دەم سىقىلىش، گال توسۇلۇش، ئېغىر بولغاندا تۇنجۇقۇپ قېلىشتەك ھاياتقا خەۋپ يىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

يەلتاشمىنىڭ تىپى:

1-جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما، (بۇ يۇقىرىدا سۆزلەندى)

2-قان تومۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق، بۇ كۆپىنچە قاپاق، كالپۇك، سىرتقى جىنسىي ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. يەرلىك ئۇرۇندا يېنىك دەرىجىدە قىچىشىش ۋە چىڭقىلىش سېزىمى بولىدۇ. تىرە زەخمىلىرى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك دائىرىلىك سۇلۇق ئىششىق بولۇپ، چىگىرسى ئېنىق ئەمەس، رەُڭگى نورمال تىرە رەڭگىدە ياكى ئازراق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، كۆپىنچە كېچىدە قوزغىلىدۇ.

3-سۈنئىي يەلتاشما : گال تىغ بىلەن تېرىنى جىجىغاندا، جىجىغان سىزىقنى بويلاپ، يەلتاشما چىقىدۇ، قىچىشىدۇ.

4-كۈن نۇرى خاراكتېرلىك يەلتاشما : بۇ بىر بۆلۈك ئۆز بەدەنلىك ئىممۇنىتېتلىق ھالەت ئۆزگىرىشى رىئاكسەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۈن نۇرىغا يولۇققان ھامان يەلتاشما ئەسۋەلىرى چىقىپ قىچىشىدۇ.

5-سوغۇق خاراكتېرلىك يەلتاشما: بۇ كۆپىنچە تۆۋەن تېمپېراتۇراغا سەزگۈر بولۇپ، تۆۋەن ھارارەتكە يولۇققان ھامان ئەسۋە چىقىدۇ.

6-روھىي جىددىيلەشكەندىن بولغان يەلتاشما روھىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

دىياگنوزى: كېلىنىكىلىق ئىپادىسى: كېسەل تارىخى، تېرىگە جىجاش سىنىقى مۇسبى بولۇش

 داۋالاش: 1.داۋالاش پىرىنسىپى:

 (1)ئالدى بىلەن سەۋەبكە قارىتا چارە قىلىنىدۇ.

 (2)بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىلىدۇ.

 (3)قان تازىلىغۇچى زىيادە سېزىمچانلىقنى تۆۋەنلەتكۈچى، زەھەر قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

 (4)سىرتىدىن: قىچىشىش ۋە ئېچىشىشنى پەسەيتكۈچى، تارقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. سوۋۇتقۇچى ۋە ھۆللەشتۈرگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

2-داۋالاش ئۇسۇلى: ماددىغا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ ماددا پىشقاندىن ۋە تازىلانغاندىن كىيىن ئەھۋالىغا قاراپ: ئانار شەربىتى، قارا ئۆرۈك سۈيى، مەتبۇخ شاھتەررە، سىركە غىبىللەر، ئەرقى گۈل ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.

سىرتىدىن: ئەرقى گۈل، سىركە ۋە گۈل ياغلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ياكى سەندەلنى سىركە، كافۇلارنى ئېزىپ چېپىلىدۇ. قىچىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن شاھتەررە، موزا ئاق لەيلى، ئەمەن، بىنەپشە پوستى، قىزىل گۈل، كاۋاۋىچىن، نېلۇپەر، ئانار پوستى، يۇمغاقسۈت، قاتارلىقلارنى قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.