مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1422 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

قىچىشىشنى ئادەتتە تېرە كېسەللىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن بۇ قىچىشىشنى تېرە كېسەللىرى بويىچە داۋالىغاندا ئۇزۇنغىچە ساقايمايدۇ، قىسقا مۇددەت ئارام بەرسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قايتا قوزغىلىدۇ. شۇڭا، جاھىل خاراكتېرلىك قىچىشقاق كۆرۈلسە يالغۇز تېرە كېسىلى دەپلا قارىماستىن، يەنە ئىچكى ئەزا ۋە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىش لازىم.

1. جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى: جىگەر، ئۆت كېسەللىرىدىكى قىچىشقاقنىڭ پەيدا بولۇش، بىر قەدەر بالدۇر بولىدۇ. سېرىق كېسىلىدە جاھىل خاراكتېرلىك قىچىشقاق بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدۇ. كۆپ ھاللاردا قىش پەسلىدە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. توشۇلۇشچان سېرىق چۈشۈش، قان ئېرىشتىن بولغان سېرىق چۈشۈش، سېرىق چۈشمىگەن جىگەر زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللەردە تېرە قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئۆت تۇزىنىڭ چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئۆت كىسلاتاسىنىڭ چۆكۈشى قاتارلىقلار تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبتۇر. جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى ئىچكەن جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللاردا تېرە قىچىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

2. دىيابېت كېسىلى: ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدىكى قىچىشقاقنى داۋالاشتا ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئەمما قىچىشقاقنىڭ پەسىيىشى بىلەن دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ. يوشۇرۇن خاراكتېرلىك دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قىچىشقاق سەۋەبىدىن بەدەن تەكشۈرتۈش ئارقىلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا قىچىشقاقلىق تېرىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، تېرە سۈت كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىشى، تېرىنىڭ سۇسىزلىنىپ قۇرغاقلىشىشى، ئورگانىزمنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، باكتېرىيەنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى، تېرىدىكى نېرۋا ئۇچىلىرىنىڭ غىدىقلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ.

3. قان ئىشلەش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياكى دائىرىلىك قىچىشش، يازدا ئېغىرلىشىش، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا ئېغىرلىشىش بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ئېھتىمال زەررىچىسىمان ھۈجەيرىنىڭ يېڭىلىنىشىدىن قويۇپ بېرىلگەن كۆپ مىقداردىكى توقۇلما ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىدە بەزىدە تېرە قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، تۆمۈر تولۇقلاش ئارقىلىق قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالىسا قىچىشقاقمۇ يوقايدۇ. ئۇ تېرە توقۇلمىلىرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، تېرە ھۈجەيرىلىرى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قورۇق چۈشۈش ۋە يىگلەشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش: بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا قىچىشىش ياز پەسلىدە ئېغىرلىشىدۇ، كۆپىنچە كېسەلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ. قىچىشىش دەرىجىسى بىلەن بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازوتنىڭ يىغىلىشى بىردەك بولمايدۇ. قىچىشقاق دائىم ئوتتۇرھال ياكى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى كالتسىي، فوسفور ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى، قالقانسىمانبەز ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ۋە تېرىدىكى ئۇرېئا مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

5. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە: بەزى ئۆسمە كېسەللىرى بىلەن تېرىنىڭ قىچىشىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەزى ئۆسمە كېسەللىرىدە دىياگنوز قويۇلۇشتىن يېرىم يىل بۇرۇنلا جاھىل خاراكتېرلىك قىچىشقاق كۆرۈلىدۇ. مېڭە ئۆسمە كېسىلىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى تۆتىنچى مېڭە بوشلۇقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا كىرگەندە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (بولۇپمۇ بۇرۇن تۆشۈكىدىكى قىچىشىش ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ). خودكېن كېسىلىدە پاچاق قىسمىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىچىشىش كۆرۈلىدۇ. ئىچكى ئەزالاردىكى راك كېسەللىكلىرى، مەسىلەن: ئاشقازان راكى، ئۈچەي راكى، تۇخۇمدان راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلاردا جاھىل خاراكتېرلىك قىچىشقاق پەيدا بولىدۇ. ئۆسمە ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن قىچىشىشمۇ يوقايدۇ. ئۆسمە قايتا پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن قىچىشىش يەنە يۈز بېرىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بەزى قىچىشىشلارمۇ بىر قىسىم كېسەللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: ۋىتامىنB2 يېتىشمەسلىك تېرىدە ئۇششاق قاسراقچىلار پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن قىچىشىش قاتارلىقلار. شۇڭا، تېرىدە قىچىشىش ئەھۋالىغا سەل قارىماسلىق لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.