1.تونۇش
بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلۈدىغان ، باش قىسمىنىڭ بىر جارسىملىق يۇقۇمدىن پەيدا بولىدىغان سوزۇلما تىرە كېسەللىكىدۇر.
2.كېسەللىك سەۋەبلىرى: 1)بۇزۇلغان بەلغەم خىلىتى قانغا ئارىلىشىپ ،غەيرى تەبىئىي قويۇق خىلىت پەيدا بولىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 2)يۇقۇملىنىش. 3)يۇقۇش 4)تازىلىق.
3. پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى: بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان ، بەزىدە چوڭ ياشتىكىلەردىمۇ كۆرىلىدۇ. كۆپىنچە باشنىڭ چاچ ئۆسكەن تېرىسىدە پەيدا بولغاندىن سىرت، بەزىلەردە بويۇن، قۇلاق ئەتراپى، ماڭلاي قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ كېڭىيىدۇ.
4. تۈرى
باش تەمرەتكىسى كىلىنىكىدا سېرىق تەمرەتكە ، ئاق تەمرەتكە، قارا چېكىتلىك تەمرەتكە ۋە يىرىڭلىق تەمرەتكە دەپ تۆت تىپقا بۆلىنىدۇ.
1)باش سېرىق تەمرەتكىسى: سېرىق باش تەمرەتكە زەمبۇرۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق تىرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت. ئادەتتە (تاز)دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى سېرىق تەمرەتكە زەمبۇرۇغى ئاساسەن چاچ ۋە تۈك خالتىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاچنى زەخىملەندۈرىدۇ. ھەم تارتۇق ۋە مەڭگۈلۈك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تاز يارىسى ياكى تاز دەپ ئاتىلىدۇ.
كىلىنك ئىپادىسى: دەسلەپ تۈك خالتىسى ئەتراپلىرىدا يىنىڭ دەرىجىدە ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بىرىدۇ. ياللۇغلانغان تۈك خالتا ئېغىزى ئەتراپىدا دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، كىيىن يىرىڭلىق قاپارتىقۇغا ئايلىنىدۇ. تېشىلگەندىن كىيىن يىرىك سىرغىپ چىقىپ قۇرۇپ قېتىشىپ گۈڭگۈرت سېرىقسىمان رەڭلىك كېپىنەكسىمان كىچىك قەقەچ پەيدا بولىدۇ. قاقاچ ئوتتۇرىنى چاچ تېشىپ چىقىدۇ. بۇ سېرىق تەمرەتكە قاقىچى دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
دەسلەپ تىرە تارقاق زەخىملىنىپ كىيىن تەدرىجىي بىرلىشىپ، توپلىشىپ، ئاقامتۇل سۈر رەڭگىدە بولىدۇ. ئۈستىگە ئىسپىرت سۈركىسە گۈڭگۈرىت رەڭگىگە ئوخشاش سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
سېرىق تەمرەتكە قەقىچى خېلى مەھكەم چاپلىشىپ ، ئاسان سويۇلمايدۇ. قاقاچنى سويۇۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدا قىزىل، سىلىق يۈزە يارا يۈزى ئېچىلىپ قالىدۇ. ساقايغاندىن كىيىن ئاتروپىيەلىك تاتۇق بولۇپ قالىدۇ. باش خۇددى چاشقان سۈيدىكىگە ئوخشاش سېسىق پۇرايدۇ. كېسەللەنگەن چاچ قۇرۇپ، سارغىيىپ ، ئىنچىكىلەپ، بوشاپ، ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. تۈك ئاساسى ماددىسى ۋە تۈك خالتىسى بۇزۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرى مەُڭگۈلۈك تاتۇق ۋە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىمايدۇ. لېكىن يېنىك دەرىجىدە قىچىشىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئاستا، ئۆزلۈكىدىن ساقايمايدۇ. سېرق تەمرەتكە زەمبۇرۇغى بەزىدە تىرناق پىلازمىسىنى ۋە ئەتراپتىكى باشقا سىلىق تىرىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، سېرىق پەيدا قىلىدۇ.
دىياگنوزى: 1.ئۇچرىشىش تارىخى: ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلار ياكى كوللېكتىپ ئارىسىدا يۇقۇملاندۇرغۇچى بولىدۇ.
2.كىلىنىك ئالاھىدىلىكى . 3چوڭ كىلىنىك ئالاھىدىلىكى.
3.باش تېرىسىدىن باشقا %12تىرناق ، بارماق ۋە ئەتراپ سىلىق تىرىلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.
4.كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن، نەچچە يىلغىچە سۈزۈلىدۇ. ياكى ساقايمايدۇ.
5.ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ئاستىدا، كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە خۇنۈك يېشىل، قارامتۇل يېشىل رەڭدە جۇلالىنىدۇ. ياكى پارقىراق نۇر بىرىدۇ.
6.مىكروسكوپتا كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ۋە سىپورىلىرى كۆرۈلىدۇ.
2-باش ئاق تەمرەتكىسى: ئاق تەمرەتكە – تۆمۈر دېتى رەڭلىك كىچىك سىپورلىق مويسىمان باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرلىدۇ. دەسلەپ، باش تېرىسىدە ،كۈلرەڭ ئاقۇش رەڭلىك ، تارقاق ، چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ، يۇمىلاق ياكى رەتسىز ، چېگراسى ئېنىق بولغان، كۈلرەڭ تەُڭگە قاسراقلىق ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. كىيىن شۇ ئۇرۇندىكى چاچلارنىڭ پارقىراقلىقى يوقۇلۇپ چۈرۈكلىشىپ 0.5مىللىمېتىر ئېگىزلىكتىلا چۈشىدۇ. قالدۇق چاچ غولىنى زەمبۇرۇغلارنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن سىرتقى ئەتراپىدا ئاقۇش رەڭلىك غىلايسىمان قەقەچ ھاسىل بولىدۇ. تاتۇق ھاسىل بولمايدۇ، بالاغەتلىك دەۋرىگە يەتكەندە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ.
دىياگنوزى: 1.بۇ كۆپىنچە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا، بولۇپمۇ قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.
2.كۆپلىگەن بىمارلاردا روشەن ھالدىكى يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ.
3.تىپىك كېلىنىڭ ئىپادىسى 4.كېسەللىك جەريانى ئاستا، بىر نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. 5.ئۇلترا بىنەپشە نۇرىدا تەكشۈرگەندە ، يورۇق يېشىل رەڭدە نۇر بىرىدۇ. 6.مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە ، زەمبۇرۇغ سىفۇرلىرى ۋە لىچىنكىلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. 7.نۇسخا ئېلىپ ئۆستۈرگەندە، زەمبۇرۇغ تۈرلىرىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ.
سېلىشتۇرما دىياگنوزى: 1.ماي تېشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدىن پەرقلىنىدۇ. زەخىم يەرلىك ئورۇندا بولىدۇ. ياللۇغ ئېغىر بولىدۇ. قىچىشىش كۈچلۈك بولىدۇ.
2.تەڭگە تەمرەتكىدىن پەرىقلەندۈرلىدۇ. باش قار چېكىتلىك تەمرەتكە. قارا چېكىتلىك تەمرەتكە : رەڭلىك تەمرەتكە زەمبۇرۇغى بىلەن چاچ چۈشۈرگۈچى تەمرەتكە زەمبۇرۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كىلىنىك ئىپادىسى: بۇ ئادەتتە قارا تەمرەتكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە كۆپ ئۇرۇندا چاچما ئورۇنلاشقان. چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يۇمىلاق ياكى ئىللىپىس شەكىللىك داغدىن ئىبارەت بولۇپ، يەرلىك ئورۇن باش تېرىسىدە ئاز مىقداردىكى كۈلرەڭ ئېقىشقا مائىل نېپىز قاسراقچىلار بولىدۇ، زەخىملەنگەن ئورۇندىكى چاچ باش تېرىسىدىن چىقىشى بىلەنلا سۇنۇپ كېتىدۇ. شۇڭا تۈك خالتىسىنىڭ ئېغىزدىكى سۇنغان چاچلار قارا چېكىتتەك كۆرۈنىدۇ. ئايالپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقايمايدۇ. شۇڭا قارا چېكىتلىك تەمرەتكە دەپ ئاتالغان.
بەزىدە كېسەللىك ئورۇندىكى چاچ باش تېرىسىدىن 0.5 مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قىرقىلىپ پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىچىشىدۇ. تۈك خالتىلىرى بۇزۇلۇپ، تەمرەتكە ساقايغاندىن كىيىن توچكىسىمان تاتۇقلۇق چاچ چۈشۈش ئاسارەت بولۇپ قالىدۇ.
دىياگنوز: 1.يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ. 2.كىلىنىك ئىپادىسى ئاساس قىلىنىدۇ. 3.ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەردە ئاز ساندا چوڭلاردا ، ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
4.كېسەللىك باش تىرىسدىن باشقا قول-پۇت بارماق تىرناقلىرىغىچە ھەم سىلىق تىرىگىچە تارقىلىدۇ. 5.ئوتىرا بىنەپشە نۇردا كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە پارقىراقلىق نۇر بولمايدۇ.
6.مىكروسكوپتا كېسەللەنگەن چاچنى بىۋاسىتە تەكشۈرگەندە بوغۇمسىمان زەمبۇرۇغ سىپولىرى ۋە يىپچىلىرى كۆرۈنىدۇ. 7.ئۆستۈرگۈچى كېسەللەنگەن ئورۇندىن نۇسخا ئېلىپ ئۆستۈرگەندە ھەر خىل زەمبۇرۇغ تىپلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
باش يىرىڭلىق تەمرەتكىسى: مەزكۇر كېسەل زەمبۇرۇغ سىپورىلىرى بىلەن يۇقۇملانغان ئىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش قىسىمدىكى ئاغرىقسىز ، لوقۇلداش خاراكتېردىكى يىرىڭلىق ئىششىقتىن ئىبارەت.
دىياگنوزى: 1.بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. 2.كېسەل تارىخى : كۆپىنچىلىرى كېسەللەنگەن ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشىدىن يۇقۇملىنىدۇ.
3. كىلىنىك ئىپادىسى: تۈك خالتا ئەتراپى ياللۇغلىنىدۇ. ياللۇغ ئۆتكۈر بولۇپ، تىرە ئاستىغىچە يامرايدۇ. تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۆز ئارا بىرلىشىپ، سۈس ياكى قىزىل ياكى توق قىزىل رەڭدىكى دائىرىسى ئېنىق بولغان يۇمىلاق ياكى ئېللىپىس شەكىللىك يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللىنىدۇ. يىنىڭ دەرىجىدە لوقۇلدايدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇندىكى چاچلار ئاسان يۇلىنىدۇ. يېنىك باسقاندا يىرىڭ تۈك خالتا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىقىدۇ. ئەتراپ لىمفا تۈگۈنچىلىرى چوڭىيىدۇ. ياللۇغلىنىدۇ. تاتۇق قالىدۇ. 4.كېسەللىك جەريانى ئۆتكۈر ئاسان ساقىيىدۇ، ئاق تەمرەتكە بىلەن بىرگە كېلىدۇ.
5.ئۇلترا بىنەپشە نۇردا كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە ئۇچۇق يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. 6.مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە زەمبۇرۇغ ۋە ئۆستۈرگەندە. 7.چاچ تەمرەتكە زەمبۇرۇغ تەجرىبىسىدە كۈچلۈك
سېلىشتۇرما دىياگنوزى: 1.تۈك خالتا ياللۇغى ۋە تۈك خالتا ئەتراپ ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش. مەزكۇر كېسەل ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە قان ئېرىتكۈچى ئاق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ. زەمبۇرۇغ تەجرىبىسىدە مەنفى بولىدۇ. 2.تەڭگە تەمرەتكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 3.دائىرىلىك چاچ چۈشۈشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 4.مايلىق تىرە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 5.باش ئاق تەمرەتكىسىدىن پەرقلىنىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش: بىمارلارنى ساق كىشىلەردىن ئايرىش، تازىلىق دېزىنفېكسىيەنى كۈچەيتىش، يۇقۇش مەنبەسى ۋە يوللىرىدىن ئۈزۈپ تاشلاش تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئايرىش، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كەڭ تەشۋىق قىلىش.
داۋالاش: 1.داۋالاش پىرىنسىپى:
1)ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تازىلىقنى كۈچەيتىش مىكروبسىزلاندۇرۇش .
2)غىدىقلانغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇش.
3)مىزاج ۋە كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىلىدۇ.
4)ياللۇغ قايتۇرغۇچى قان تازىلىغۇچى ، مىكروب ئۆلتۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.
5)سىرتىدىن : مۇۋاپىق كۈن نۇرىغا قاقلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.