تېرىسىنى سىلىق، پارقىراق قىلىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسا بولىدۇ:
بىرىنچى، باناننى ئېزىپ سۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەپ 20 مىنوتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، تېرە سىلىق ۋە پارقىراق بولىدۇ.
ئىككىنچى، تۇخۇم ئېقى بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزىگە سۈركىسە تېرىسى سىلىقلىشىدۇ ھەم قورۇق ئازىيىدۇ.
ئۈچىنچى، ئارپا يارمىسى، پىشلاق ۋە پەمىدۇر قىيامىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەپ 20 مىنوتتىن كېيىن سوغۇق سۇدا پاكىز يۇيۇۋەتسە ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.