مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 890 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئاق تۇرۇپ ياللۇغنى قايتۇرۇپ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ، يەنە ھەزىم قېلىشنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، توكسىننىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى تۇسۇپ، دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھۆسىن تۈزەش تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق تۇرۇپ ئاساسلىقى ئورۇقلىتىپ، يەلنى ھەيدەپ، تېرىنى ئاقارتىدۇ.

ئەگەر ئۈچەي راۋان بولمىغاندا، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ئاقسىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا زىيانلىق بولغان ئاممىياك تۈرىدىكى ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ ماددا قان سۇيۇقلۇقىغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئورگانىزملارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەمما، ئاق تۇرۇپ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ تەرەتنى بوشىتىپ، پايدىسىز ئېلېمېنتلارنىڭ رولىغا قارشى تۇرىدۇ – دە، بۇ ئارقىلىق قاننى تازىلاپ، ھۆسىن تۈزەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.