مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 745 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

كۆپىنچە قىزلار ئىسسىق كۈنلەردە كالتە ھەم نېپىز كىيىملەرنى كىيىشنى ياقتۇرىدۇ، ئەمما كالتە يوپكا كىيىپ ئاپتوبۇسقا چىققاندا، كۆرۈنۈپ قالغان يوتا ھەم پاقالچاقلار تازىلىقى ياخشى بولمىغان مۇھىتتا ئاسانلا تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ياز تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان پەسىل بولغاچقا، باكتېرىيە يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.

36 گىرادۇستىن ئىسسىق كىلىماتتا ئاپتوموبىل كوزۇپى، ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى ئورۇندۇقلاردا باكتېرىيەلەر كۆپ بولىدۇ، ئاپتوبۇسقا ھەرخىل كىشىلەر چىقىدىغان بولغاچقا، قىسمەن كىشىلەرنىڭ تېرە ياللۇغى كېسەللىك باكتېرىيەسى ئورۇندۇقلاردا قېپقالىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تېرە ياللۇغى باكتېرىيەسى بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەش مىنۇتقىچە ياشىيالايدۇ ھەم يۇقۇش ئىقتىدارىنى يوقاتمايدۇ. كالتە كىيىنگەنلەر ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرماقچى بولغاندا، بىرسى قوپۇپ كەتكەندە دەرھال ئولتۇرماسلىقى، ياخشىسى ھۆل قەغەز بىلەن سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئولتۇرۇشى كېرەك. كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوقۇم شەخسىي تازىلىقىنى پۇختا قىلىشى، بولسا مۇنچىغا چۈشۈشى، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇشى كېرەك، شۇندىلا سىرتتىن يۇقتۇرۇپ كەلگەن باكتېرىيەلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.