بۇ تېرە قۇرغاقلىشىش ئاساسىدا تېرىنىڭ مەلۇم قىسمىدا قىزىل داغلىق دانچىلار پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق جايلاردىكى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى: ئۇيغۇر تېبابىتىدە بۆرە چاقىسى كېسىلىنى ئىچكى، تاشقى ۋە شېرىك ئامىللاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
1) ئىچكى ئامىل: ئىچكى ئامىل خىلىتلار ئامىلى ۋە تەبىئەت (بەدەننىڭ قوغدىنىش كۈچى) ئامىلى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
خىلىتلار ئامىلى دېگەندە، كۆپىنچە قان خىلىتى بىلەن سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) خىلىتىنىڭ نورمالسىزلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ تۆۋەندىكى ئىككى خىل ھالەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىرى، قان خىلىتىغا سۇيۇق سەپرا ئارىلاشقاندا، سۇيۇق سەپرادىكى ھارارەت كەم بولغانلىقتىن، قان خىلىتى تولۇق پىشىپ يېتىلمەيدۇ ۋە قان سۇيۇلۇپ قان بۇزۇلۇشنى پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى سۇيۇلۇپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن قان خىلىتى تېرىنىڭ مەلۇم ئورنىدا چۆكمە ھاسىل قىلىشتىن يامان تىپلىق چاقا پەيدا بولىدۇ. يەنە بىرى، قاننىڭ ھارارىتىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدىغان كۆيگەن كۈدە رەڭلىك سەپرا قانغا ئارىلاشقاندا، قان خىلىتىنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىشتىن قان خىلىتى قايناپ تەركىبىدىكى نەملىك ھورغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، قان خىلىتى قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى قويۇلغان قان خىلىتى تېرىنىڭ مەلۇم ئورنىدا چۆكمە ھاسىل قىلىشتىنمۇ بۆرە چاقىسى پەيدا بولىدۇ.
بەدەندىكى ھەرخىل كېسەللىككە قارشى قوغدىنىش كۈچى بولغان تەبىئەت ئاجىزلىغاندا تېرە، جۈملىدىن تېرىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى تەبىئەتمۇ ئاجىزلىشىدۇ. تەبىئەت ئاجىزلاشقاندا تېرىدىكى تەبىئىي كۈچلەر قالايمىقانلىشىشتىن سەپرا ئارىلاشقان غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى تېرىدە چۆكمە ھاسىل قىلىشتىنمۇ بۆرە چاقىسى پەيدا بولىدۇ.
2) تاشقى ئامىل: تاشقى ئامىل دېگەندە قۇرغاق ئىسسىق ھاۋا، چاڭ-توزان، سۈركىلىش بىلەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەرتىپسىزلىكى، زەھەرلىك چېكىملىك، شارابخورلۇق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ زىيادە بولۇشى ۋە روھىي ئامىل قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن: ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق ۋە ئىسسىق بولغاندا بەدەندىكى نەملىك ھورغا ئايلىنىپ زىيادە سەرپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تېرە قۇرغاقلىشىپ، تېرىدىكى تەبىئىي قۇۋۋەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىشتىن سىرت، قاننى قىزىتىپ، قاننىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن قان خىلىتىنىڭ تېرىدە چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى تېزلىتىدۇ ياكى چاڭ-توزانلىق شارائىتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋاقتى كۆپ بولغاندا، تېرىگە چاڭ-توزانلار قونۇپ، تېرىدىكى ئۇششاق تۆشۈكلەر ئېتىلىپ قالغانلىقتىن، سەپرالىق تەر بىلەن مايلار بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەي، قانغا قوشۇلۇپ قاننى بۇزىدۇ ۋە تېرىدە قان بۇزۇلۇشلۇق كېسەللىكلەر جۈملىدىن بۆرە چاقىسى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغان يىرىك رەختتىن كىيىم كىيسە، تېرە ئۇزۇن ۋاقىت سۈركىلىشتىن زەخىملىنىپ قىزىرىشتىن مۇدۇرلۇق داغ پەيدا بولىدۇ. قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، قارىمۇچ، زىرە، جۇۋىنە، بەدىيان، كاۋاۋىچىن، سىركە (ياكى ئاچچىقسۇ) ۋە ھاراق قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىشلىتىش، سۈپىتى ئۆزگىرىپ بۇزۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، بىردە ئاچ، بىردە توق يۈرۈش، بىر خىل تائاملارنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىش، تاماكىنى كۆپ چېكىش ياكى شارابخورلۇق، نەشە چېكىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرگە ئادەتلىنىش قاتارلىق ئامىللاردا ھەزىم بىلەن خىلىتلار سۈپىتى ئۆزگىرىش بىلەن تەبىئەتنىڭ ئاجىزلىشىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق كېسەل پەيدا قىلىدۇ. غەم-قايغۇ، غەزەپ ۋە مەيۈسلۈك قاتارلىق روھىي ئامىللاردا بەدەندىكى سەرپىيات كۆپىيىپ كېتىشتىن تاشقى بەدەننىڭ ھارارىتى بىلەن تېرىنىڭ ھەزىم جەريانى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىل ئامىللارمۇ قان خىلىتى سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3) شېرىك ياكى ئەگەشمە كېسەللىك ئامىلى: مەسىلەن: ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكى بىلەن جىگەر كېسەللىكى، يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىك بىلەن قان ئازلىق كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر قان خىلىتىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق بۆرە چاقىسىنى پەيدا قىلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئالامىتى: تېرىنىڭ مەلۇم ئورنى قۇرغاقلىشىش بىلەن قىزىرىپ داغ پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ قىزىل داغ تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. قىزارغان داغ ئورنىدا كۆيۈپ ئېچىشىپ ياكى چىمىلداپ ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل داغ بەزىدە پەيدا بولۇپ، بەزىدە يوقىلىدۇ ياكى بەزىدە ئېغىرلىشىپ، بەزىدە يېنىكلەيدۇ. بەزىدە قىزىل داغ بار ئورۇندىكى تېرە كېپەكلىشىپ سويۇلۇشى مۇمكىن. بەزىدە قىزىل داغ ئاساسىدا كىچىك دانىچە مۇدۇرچاقلار پەيدا بولىدۇ ۋە كىچىك دانىچە چاقىلار ئۆزئارا بىرلىشىپ، چوڭ-كىچىكلىكى ھەرخىل بولغان چاقىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا يەرلىك ئورۇندىكى تېرىدە تارتىشىش ۋە بىئارام بولۇش پەيدا بولىدۇ. ھەتتا يۇقىرى قىزىتما پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە باشقا خىلدىكى كېسەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇلاردىكى باشقا قان خىلىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردىن جۆيلۈش، ئەسنەش، مۈگدەش ۋە گۇمانخورلۇق ياكى باش ئېغىرلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.