تونۇش: بۇ ئادەتتە تېرە كۆكىرىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەل تېرىدە ھېچقانداق سىرتقى زەخىملىنىش بولماي تۇرۇپ، بەدەندە خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا قان تومۇرلار ياللۇغلىنىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تېرە قاتلاملىرىغا سىرغىپ چىقىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، كىلىنىكىدا تېرىدە سۆسۈن داغ بولغاندىن سىرت، كۆپىنچە ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرى ۋە بوغۇم كېسەللىكلىرىگە ئالاقىدار ئىپادىلەر كۆرىلىدۇ.
سەۋەبى: قان خىلىتىنىڭ ئۇفۈنەتلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئۆتكۈر سەپرا ياكى زەھەرلىك ماددىلار (سۈيدۈك كىسلاتاسى، زەھەرلىك دورىلار ۋە باشقا يات ماددىلار) قوشۇلۇپ بەدەندە ئۇفۈنەتلەنگەن قان خىلىتىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئاسانلا تېرە ۋە تېرە ئاستى قان تومۇرلىرى زەخىملىنىپ ياكى قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ كېتىپ سىرغىپ چىققان غەيرى تەبىئىي قان خىلىتىنىڭ تېرە ۋە تېرە ئاستىغا يېغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بۇ كۈز ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلۈدىغان كېسەللىك بولۇپ تۆۋەنكى مۆچىلەرنىڭ ئۇزارغۇچى تەرىپى، تىز قىسمى، ئوشۇق، ساغرا قىسىملىرىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ، يەرلىك ئورۇن قىچىشىدۇ. يىڭنە ئۇچىدەك ياكى پۇرچاقتەك چوڭلۇقتىكى سۆسۈن داغ تېرە يۈزىدىن سەل كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدىكى، سېرىق قوڭۇر رەڭلەرگە ئۆزگىرىدۇ. تېرىدىكى سۆسۈن داغ بولغاندىن تاشقىرى، قان خىلىتىدا ئۇفۈنەتلىنىش بولغان بولسا مۇنەك سۇلۇق ئىششىقلىق قىزىل داغ كۆرىلىدۇ. بەزىدە سۇلۇق قاپارتقۇ، قانلىق قاپارتقۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە قىزىرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن تاشقىرى قان خىلىتى غالىپلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: قان خىلىتىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە مۇمكىن بولسا باشلىق تومۇرىدىن قان ئېلىنىدۇ. ئاندىن قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىنى يوقىتىش، سەپرانى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.