مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2326 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

خانىم-قىزلار ھەرۋاقىت گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، تېرىسىنىڭ ئاق، يۇمران بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گۈزەللىككە 

ئىنتىلگۈچى خانىم-قىزلىرىمىزغا تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمىز : 

1. كۈندە بىر ئىستاكان پەمىدۇر شەربىتى ئىچىش ياكى دائىم پەمىدۇر يېيىش سەپكۈننى يوقىتىشقا پايدىلىق .

پەمىدۇر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول، بۇ مىلانىننىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىپ، تېرىنى يۇمران ئاق قىلىدۇ .

2. تەرخەمەك شوۋىگۈرۈچى داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 100 گىرام گۈرۈچ، 300 گىرام تەرخەمەك، 2 گىرام

تۇز، 10 گىرام زەنجىۋىلنى تەييارلاپ، گۈرۈچ بىلەن زەنجىۋىلنى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، گۈرۈچ ئېزىلىپ پىشقاندا 

تەرخەمەكنى سېلىپ بىردەم قايناتقاندىن كىيىن ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان تەرخەمەك شوۋىگۈرۈچى تەييار بولىدۇ .

بۇنى كۈندە ئىككى قېتىم ئىچكەندە داغ يوقىلىپلا قالماي، ئورۇقلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ . 

3. قارا قېرىنقۇلاق داغنى يوقىتىدۇ. 30 گىرام قارا قېرىنقۇلاق بىلەن 20 دانە چىلاننى سۇدا يېرىم سائەت قاينىتىپ، كۈندە ناشتىلىق ھەم كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىر قېتىم ئىستېمال قىلغاندا، داغنى يوقىتىش مەقسىتىگە 

يەتكىلى بولىدۇ . 

4. كۈندە ئەتىگەن، كەچتە يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كىيىن سەۋزە سۈيى سۈرۈپ، تېرىگە سىڭدۈرۈش ھەم كۈندە 

سەۋزە شەربىتى ئىچىش تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ . 

  ___ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.