مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 945 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كېسەل پەيدا بۇلۇش سەۋەبى:

1. قويۇقلاشقان, بۇزۇلغان بەلغەم ماددىلىرى بويۇن، ئوقرەك سۆڭەك ئۈستى، قولتۇق بەزلىرىدە، ئىچكى ئەزالارنىڭ چۆرسىدىكى بەزلەردە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىش سەۋەبىدىن قويۇق بەلغەم سىلىنى پەيدا قىلغۇچى سىل تاياقچى باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بۇزۇلۇشتىن پەيدا بولىدۇ.

2. غەيرى تەبىئىي سەۋدانىڭ بەلغەمگە ئارىلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

3. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئۆسمۈر ۋە ياشلاردا ئۆپكە سىلى بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن لىمفا بەزلىرى سىل تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

4. بادەمسىمان بەزنى ئوپېراتسىيە قىلىش جەريانىدا لىمفا ھۈجەيرىلىرى ۋە لىمفا بەزلىرىگە پىچاق تېگىپ كېتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى:

كېسەللىكنىڭ دەسلىپىدە تېرە ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان كىچىك مۇدۇر پەيدا بولىدۇ، ئاغرىيدۇ، تېرە ئاستىدا مىدىرلاپ تۇرىدۇ. كېيىن بىر قانچە مۇدۇر پەيدا بولۇپ قاتارلىشىپ تىزىلىپ تۇرىدۇ. باسقاندا مىدىرلاپ تېرىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. كېيىن تەرەققىي قىلىپ تېشىلىپ سېرىق زەرداب سۇ ياكى يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدىغان ئاقما جاراھەتكە ئايلىنىدۇ. بىماردا چۈشتىن كېيىن قىزىش، كېچىسى ئۇيقۇسى قېچىپ تەرلەش، چىرايى نۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆپكە سىلى سەۋەبىدىن بولغانلىرىغا يۆتەل بىلەن بىرگە بىمار ئۇرۇقلاپ, ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، پۇت-قول تېلىپ ئاغرىش كۆرىلىدۇ.

دىياگنوز ۋە سېلىشتۇرما دىياگنوز

دىياگنوز قۇيۇشتا لىمفا بەزلىرى كۆپ جايلاشقا بويۇن، قولتۇق، يىرىق قاتارلىق جايلارغا پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى، جاراھەتنىڭ شەكلى، سېسىق بەتبۇي يىرىڭ چىقىش ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن دىياگنوز قۇيىلىدۇ.

پەرىقلەندۈرشتە: بۇ كېسەللىك لىمفا بەز ياللۇغى، قالقانسىمان بەز ياللۇغى، ماي ئۆسمىسى قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

داۋالاش: 1. تىز ھەزىم بولىدىغان، بەدەننى كۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. چۈچۈمەل، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. كەچ تەرەپتە تاماقنى ئاز ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. روھى غىدىقلاشلاردىن ساقلىنىدۇ.

2. بەدەن سىرتىدىن كېسەللىك ئۈستىگە ئىششىق ياندۇرغۇچى دورىلار تېڭىلىدۇ.

3. سىرتىدىن مەلھىمى داخىلىيۇت قاتارلىق مايلار سۈرتۈلۈپ ئىششىق ياندۇرۇلىدۇ.

4. قويۇق غەيرى تەبىئىي بەلغەمنى تازىلاش ئۈچۈن ئايارەج ۋە ئىتتىرنىللار بېرىلىدۇ.

5. يىرىڭ زەردابنى چىقىرىپ يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرگۈچى باكتېرىيەگە  قارشى تۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

6. غەيرى تەبىئىي بەلغەم، غەيرى تەبىئىي سەۋدا ماددىلىرىنى يۇمشاتقۇچى، سۈرۈپ چىقارغۇچى، مۇنزىچ، مۇسھىللار بېرىلىدۇ.

7. دورىلار بىلەن كېسەللىك ياخشىلانمىسا كېسىپ، كېسەللىك قىرىپ ئېلىنىپ گۆش ئۈندۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.