تونۇش: بۇ ھۆسنىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرخىل تېرە كېسىلى بولۇپ تېرىگە قارا داغ چۈشۈپ تېرە قارىداپ كېتىدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تېنىدە ۋىتامىن D، C، B، A ۋە نىكوتىن كىسلاتاسى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا ۋىتامىن كېمىيىش بىلەن ئوزۇقلىنىشى ناچار بولۇش بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالماقتا. بۇ كېسەل ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلۈدىغان بولۇپ ئادەتتە ھەيز مەزگىلىدە پىگمېنت ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇ جىنسىي بەزلەر، ھىپوفىز، بۆرەك ئۈستى بېزى، پوستلاق ماددىسى، قالقان بەز قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇندىن باشقا گىرىم بۇيۇملىرىدىكى خۇشپۇراق ماتېرىيال ۋە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ياسالما قاتارلىقلار تېرە پىگمېنت مېتابولىزمنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ پىگمېنت چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى: بۇ كېسەل ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىدىن پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىق ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا، بولۇپمۇ يۈزىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئاۋۋال مەڭز، قوۋۇزدا پەيدا بولۇپ، كېيىن پېشانە، قۇلاق ئەتراپى ۋە بويۇنلارغا يامرايدۇ، دەسلەپتە تېرە سەل قىزىرىپ قىچىشىدۇ ۋە كېپەكلىشىپ تەدرىجىي پىگمېنت چۆكىدۇ. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۇسلايدۇ. ھەتتا يوقاپ كېتىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: داغ پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتىش، يۈزگە كۈن نۇرى چۈشۈشتىن ساقلىنىش، ئاپتاپتىن قوغدىنىش مېيى ئىشلىتىش، گۇمانلىق بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.