مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1825 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شىنجاڭ ساغلاملىق تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى :

 تور بەتتىكى مەسلىھەت سوراش رايونىغا قارىسام سۆگەل چىقىپ قىلىش سەۋەبلىك مەسلىھەت سورىغان تورداشلىرىمىز خىلى كۆپ ئىكەن. بۇنىڭ ياخشى داۋاسىنى مەن ئۆزۈم سىناق قىلىپ 5 كۈن ئىچىدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگەن، مۇمكىن بولسا ئۆزۈڭلار تەھرىرلەپ چىقىرىپ قويساڭلار.

2010-يىلى 4-ئايدا يۈز قىسمىغا سۆگەل چىقىپ قالدى، ساقال ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا قاناپ كېتىپ بەك كۆپ يامراپ كەتتى خۇددى پۈركىگەندەك، مېنىڭ ئاكام تېببىي ئىنستىتۇتتا مەخسۇس دورا تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدۇ، دوكتور ئاشتىلىق ئۇنۋانى بار. دەسلەپ ئاكامغا دېسەم ھاراق ئىچكەنمۇ دەپ سوراپ تۇرۇۋالدى، راستتىنلا 3-ئايدىن باشلاپ 20 كۈن ئەتراپىدا توختىماي ھاراق ئىچىپ كەتتىم. بىراق ئاكامدىن قورقۇپ دېيەلمىدىم ئاكاممۇ راست گەپ قىلساڭ داۋاسىنى دەپ بىرىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 3 ئاي مىللىي تېبابەتنىڭ دورىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلدىم پەقەتلا ئۈنۈمى بولمىدى. ئاخىرى 7-ئايدا ئاكامغا راست گەپنى قىلدىم. ئۇ ماڭا خام دادۇرنى سۇدا قاينىتىپ 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە توختاتماي كۈندە 1 پىيالە ئەتراپىدا يېيىشىمنى يۈزۈمگە سۇ تەگكۈزمەسلىكىمنى ئېيتتى، راستتىنلا 5 كۈن بولغاندا ھەممىسى يوقاپ كەتتى ھەتتا داغمۇ قالمىدى. بۇ ئىشتىن دوستلىرىممۇ ھەيران قىلىشتى. مەنمۇ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم، كىيىن بىر قانچە دوستۇممۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن سۆگەللىرىنى يوقاتتى .

شۇڭا مۇشۇ داۋالاش ئۇسۇلىنى يوللاپ قويساڭلار، تورداشلار پايدىلانسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن ..


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.