دانىخورەكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى، تاتلىق، تەمى كۈچلۈك ۋە ئاچچىق بولغان غىدىقلاش خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەر تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش رولىنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم قوزغاتقۇچى ئامىلدۇر. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ، بەدەندىكى قاننىڭ ئىشقارلىققا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش، ماي ھەم قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ۋە غىدىقلاش تەسىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. ئەتىگەنلىك تاماقتا ئۇندىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر ۋە كۆكتات قاتارلىق تەركىبىدە كىراخمال، ۋىتامىن B ۋە مىنېرال تۇز بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش لازىم. كەچلىك تاماقتا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى مول (مەسىلەن: پۇرچاق تۈرىدىكىلەر) ۋە ماي تەركىبى ئاز بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئۇنداقتا ئوزۇقلىنىشتىكى پايدىلىق، پايدىسىز بولغان قايسى تەرەپلەرگە كونكرېت ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟
ئالدى بىلەن، مايسىزراق نەرسىلەرنى يېيىش، سوغۇق ياكى مۆتىدىلگە مايىل كۆكتاتلار، مەسىلەن: كۆپ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، سېمىزئوت، نېلۇپەر يىلتىزى، يېسسىۋېلەك، يازلىق يېسسىۋېلەك، كاللەك يېسسىۋېلەك، ئوسۇڭ، ياڭيۇ، پېچەكگۈل، پەمىدۇر، تۇرۇپ، ئالما، ئەنجۈر، بانان، ئۈجمە، شېكەر قومۇشى، تاۋۇز قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.