پېشانىگە دانىخورەك چىقىش سەۋەبى: بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى، مىجەزىنىڭ ناچارلىقى، قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن .
داۋالاش ئۇسۇلى: بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش .
2. قاشنىڭ ئوتتۇرىغا دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى : ئىچى سىقىلىش، ئىچى تىتىلداش .
داۋالاش ئۇسۇلى: قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك. ھاراق ئىچمەسلىك، ئاچچىق – چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق .
3. بۇرۇن ئۇچىغا دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى : ئاشقازاننى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق .
داۋالاش ئۇسۇلى: سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش .
4. ئوڭ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى : ئۆپكە ئىقتىدارى نورمالسىزلىنىش .
داۋالاش ئۇسۇلى: نەپەس يوللىرىنى ئاسراش ۋە دىققەت قىلىش، دېڭىزى مەھسۇلاتلىرى، ئەنبەھ قاتارلىق ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق .
5. سول تەرەپ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى : جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىزلىنىش .
داۋالىنىش ئۇسۇلى: نورمال دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كەيپىياتنى ياخشىلاش، بەك تىنچىق جايدا تۇرماسلىق .
6. لەۋ ئەتراپىغا دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى: قەۋزىيەت، سۈپەتسىز چىش پاستىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش .
داۋالاش ئۇسۇلى: ۋىتامىن تەركىبى يۇقىرى مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش .
7. ئېڭەككە دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى : ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىنىشى .
داۋالىنىش ئۇسۇلى : سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.