ھەر بىر پەسىل ئالمىشىدىغان مەزگىل سەزگۈر تېرىلەرنىڭ « كېسىلى » قوزغىلىدىغان ۋاقىت . ئەگەر تېرىڭىزنىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە « كېسىلى » قوزغالسا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ…
ئىسسىق سۇدا يۈزىڭىزنى يۇيماڭ
گىرادۇسى يۇقىرى ئىسسىق سۇ تېرىدىكى قىلدام قان - تومۇرلارنى كېڭەيتىپ يۈزىڭىزنى تېخىمۇ قىزارتىۋېتىدۇ . تېرىگە كېرەكلىك مايلارنىمۇ ئېرىتىپ چىقىرىپ ، تېرىنى قوغدايدىغان تەبىئىي « پەردە » نى بۇزۇۋېتىدۇ . سەزگۈر تېرىلەرگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى تېرە مۈڭگۈز قەۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تېرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش
تازىلاش ئۈنۈمى كۈچلۈك گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتمەڭ
رەڭلىك گىرىم تازىلايدىغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئىشقارلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ ، يۈزىڭىزدىكى رەڭلىك گىرىمنى يۇيۇپ چىقىرىش بىلەن بىللە يەنە تېرىدىكى ماي قاتلىمىنىمۇ بۇزۇۋېتىدۇ . بۇ مەزگىلدە ئىلاجى بار بەك قېنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىڭ . قېنىق گىرىمنى پاكىزە تازىلىمىسىڭىز تېرىگە دانىخورەك چىقىدۇ ، پاكىز تازىلاش ئۈچۈن گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتسىڭىز تېرە مۈڭگۈز قاتلىمى تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى قېنىق گىرىم قىلىشتىن ۋە ئىشقارلىقى كۈچلۈك گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلىغى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ
يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى ئىشلەتمەڭ
سەزگۈر تېرىلەر كېسەل تېرىگە كىرىدۇ . تېرە ئەسلىگە كەلگۈچە « كۈچلۈك » ئۈنىملىك تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەڭ . يەنى ، داغ يوقىتىش، تېرىنى ئاقارتىش ، قورۇق يوقىتىش دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلنىڭ . چۈنكى بۇ خىل تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە ئۈنۈملۈك ئاكتىپ فاكتورلار بىرقەدەر كۆپ ، سەزگۈر تېرىلەرنى غىدىقلاپ تېرە ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن . بۇ خۇددى كېسەل كىشى كۈچلۈك ، مايلىق - گۆشلۈك تاماقلارنى يېسە كۆتۈرەلمىگەنگە ئوخشاش گەپ . بۇ مەزگىلدە پەقەت تېرىگە سۇ تولۇقلاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ
تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ
تەركىبىدە ئىسپىرت ۋە ئالاھىدە پۇراقلىق ماددىلار ئارىلاشقان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى سەزگۈر تېرىگە ماس كەلمەيدۇ . تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەندە ئالدى بىلەن ئۇنى تىنچلاندۇرۇش كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس سەزگۈر تېرىگە ئىشلەنگەن ، پۇراقسىز ، تەبىئي بولغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك
تەركىبىدە كىرېمىد ماددىسى بولغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ياخشىراق
تېرىدىكى سەزگۈرلۈك تېرىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تېرە مۈڭگۈز قەۋىتى بۇزۇلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇ قەۋەتتە كىرېمىد دەيدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ ، بۇ ماددا تېرىنى « قوغداش تورى » شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق تېرىدىكى سۇنى تۇتۇپ تۇرىدۇ . سەزگۈر تېرىلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەخسۇس تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدا تېرىگە كىرېمىد تولۇقلاش ئۈنۈمى بار بولغان مەلھەم ۋە يۈز چاپلاقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىگە كىرېمىد تولۇقلاپ بەرسەك تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىشىدۇ
تېرىنى ئاپتاپتىن قوغداڭ
ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولسا سەزگۈر تېرىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ « دۈشمەن » نى . تېرە مۈڭگۈز قەۋىتى تېرىنى ئاپتاپتىن توسۇپ قالىدىغان « قوغداش قەۋىتى »، بىراق سەزگۈر تېرىلەرنىڭ بۇ قەۋىتى ئىنتايىن نېپىز ۋە ئۆز ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولىدۇ . ئاپتاپتىن ياخشى توسۇيدىغان كۈن قالقانلىرىنى سۈركەپ سىرتقا چىقمىساق ، تېرىمىز خۇددى كىيىمسىز يالىڭاچ يۈرگەنگە ئوخشاشلا بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كۈن نۇرىنىڭ تېرىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ، يۈزگە ئاسانلا داغ ۋە قورۇق چۈشۈپ قالىدۇ
تېرىڭىزگە « قوپال » تەگمەڭ
سەزگۈر تېرىلەر ئاجىز، تېرىمۇ بەك نېپىز . يۈز يۇيغاندا ئۇزاق ئۇۋۇلاپ يۇيماسلىق ، تېرە ئاسراش مايلىرىنى سۈركىگەندىمۇ يېنىك ۋە بوش سۈركەش كېرەك . سەزگۈر تېرىلەرنى قاتتىق بېسىش ياكى ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ ، تېرىڭىزگە ئىنتايىن « سىپايە » مۇئامىلە قىلىڭ
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.