تونۇش: تېرە رەڭگىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ كېتىشى تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى: تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1) بەدەندە كېرەكسىز ماددىلار كۆپىيىپ تېرە ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىش جەريانىدا بىر قىسمى تېرىدە تۇرۇپ قېلىشتىن تېرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.
(2) بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ بىرەرسىنىڭ غالىب كېلىشىدىمۇ تېرە رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن:قان خىلىتى غالىب كەلگەندىن تېرە رەڭگى قىزىرىدۇ، قان كېمەيگەندە تېرىنىڭ رەڭگى تاتىراڭغۇ تۈسنى ئالىدۇ. سەپرا خىلىتى غالىب كەلگەندە تېرە رەڭگى سارغىيىدۇ. بەلغەم خىلىتى غالىب كەلگەندە تېرە رەڭگى قارامتۇل تۈسنى ئالىدۇ.
(3) كۈن نۇرى بىلەن كۆيگەندە ياكى ساپ ھاۋا يېتىشمىگەندىمۇ تېرە رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.
(4) جۇۋىنە ۋە زىرە قاتارلىق تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگەرتىدىغان دورىلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلغاندىمۇ تېرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.
(5) ئۇزۇن مۇددەت كېسەل تارتىپ ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنىڭ تېرىسى قارىداپ كېتىدۇ.
ئالامىتى: تېرە رەڭگى ئۆزگىرىشتە تېرىنىڭ پۈتۈنلىكى بۇزۇلمايدۇ. بەدەندە قايسى خىل خىلىتتا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە شۇ خىلىتقا ماس ھالدا تېرە رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار كۆپىيىپ كېتىشتىن تېرە رەڭگى ئۆزگەرگۈچىلەر بولسا مىجەزنى تەڭشىگەندىن كېيىن سەپكۈن كېسىلىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر تېرىنىڭ رەڭگى خىلىتلار غالىبلىقىدىن ئۆزگەرگەن بولسا غالىب كەلگەن شۇ خىلىتلارنى بەدەندىن تازىلاش بىلەن خىلىتلار غالىبلىقىدىن پەيدا بولغان كېسەللىككە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. ئەگەر تېرىنىڭ رەڭگى كۈن نۇرىدا كۆيۈشتىن پەيدا بولغان بولسا داۋالاش ھاجەتسىز، چۈنكى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن تېرە رەڭگى ئەسلىگە كېلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.