مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1248 رەت   / مەنبە:  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

 1. يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاش. ئەگەر يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلىغاندا، چىراي سولغۇن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزنى پاكىز سۇدا يۇيۇۋېتىپ ئۇخلاش كېرەك .

2. تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەسلىك. تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى ئادەتتە ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، يازدا سۇيۇقراق تېرە ئاسراش مايلىرىنى، قىشقا قويۇقراق تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .

3. بەدەن تېرىسىنى ئاسراشقا سەل قاراش. بەدەن تېرىسى بولۇپمۇ ئىككى بىلەك ۋە ئىككى پۇتنىڭ تېرىسىدە يۈز تېرىسىگە قارىغاندا ماي بەزلىرى ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن تېرىسىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرە ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى سۈرتۈش بىلەن بىللە، يەنە ۋىتامىن B نىمۇ سۈرتۈپ بېرىش كېرەك .

4. يۈزنى پاكىز يۇيماسلىق. يۈزنى پاكىز يۇيمىغاندا قالدۇق ماددىلار يۈز تېرىسىدىكى ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى توسۇۋېلىپ، تېرىنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا يۈزنى چوقۇم ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇپ، تېرىدىكى قالدۇق ماددىلارنى تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتىش كېرەك .

5. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى خاتا تاللاش. ھەددىدىن زىيادە قويۇق ياكى قۇرغاق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش تېرە ئۈچۈن زىيانلىق. شۇڭا ھەر كىم ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، ئۆز تېرىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك .

6. تېرىنى زىيادە ھۆل قىلىۋېتىش. يۈز تېرىسىنىڭ ھەممىلا يېرى ئوخشاش بولمايدۇ. پېشانە ۋە بۇرۇن قىسمىدىن ھەمىشە ماي چىقىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ جايلارغا تېرە ئاسراش مايلىرىنى بەك كۆپ سۈرتۈش ھاجەتسىز. يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، قايسى ئورۇننىڭ تېرىسى تارتىشسا، شۇ ئورۇنغا تېرە ئاسراش مېيى سۈرتسىلا بولىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.