ئەنگلىيە ئالىملىرى سۇدا پىشۇرۇلغان شوخلىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ تېرىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا ۋە قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئەنگلىيە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن نېۋكاستل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 20 پىدائىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئۇلارنىڭ ئونى كۈنىگە 55 گىرام شوخلا قىيامى (ئاساسىي تەركىبى سۇدا پىشۇرۇلغان شوخلا) ۋە ئون گىرام زەيتۇن يېغى ئىستېمال قىلغان، قالغان ئونى زەيتۇن يېغىنىلا ئىستېمال قىلغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، زەيتۇن يېغىنىلا ئىستېمال قىلغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان شوخلىنى تەڭ ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى %33 يۇقىرى بولغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە شوخلا قىزىلى دەپ ئاتىلىدىغان ئانتېئوكسىدىنات بولسىمۇ، ئەمما پىشۇرۇلغان شوخلىنىڭ تەركىبىدە شوخلا قىزىلى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن، شۇڭا پىشۇرۇلغان شوخلىنى ئىستېمال قىلغاندا تېرىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار يەنە پىشۇرۇلغان شوخلىنى ئىستېمال قىلغانلارنىڭ تېرىسىدىكى پرېكوللاگېن مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، پرېكوللاگېن تېرىنى چىڭىتىدىكەن، ئۇنىڭ تېرىدىكى مىقدارى ئاشسا تېرىنىڭ قېرىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاستىلىتىدىكەن، ئەمما خام شوخلىنىڭ تېرىنى ئاسراش رولى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.