مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2686 رەت   / مەنبە:  تەڭرىتاغ تورى

كىشىلەرنىڭ تېرە مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئۈستى قەۋىتىنى ئوراپ تۇرىدىغان تېرە مايلىرى بولسا نەملىكنى ساقلىغۇچى تەبىئىي پاكتۇر ھېسابلىنىدۇ، تېرە ماي قەۋىتى بولسا ئىشقارلىشىش ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئىنتايىن قورقىدىغان بولۇپ، تېرە ماي قەۋىتى بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە تېرە قۇرغاقلىشىپ قىچىشىدۇ .

تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا : يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاش قۇرغاق پەسىلدە ئالدى بىلەن مايلىق تېرىگە ماس كېلىدىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تاللاش. ھەرگىزمۇ ئىشقارلىقى كۈچلۈك سوپۇن ۋە ئەتىر سوپۇن قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك

سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش : سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە كونترول قىلىنىشى كېرەك .

بەك كۈچەپ سۈرتمەسلىك بولۇپمۇ، سۈرتۈپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەككى: مۇنداق قىلغاندا تېرە قەۋىتى بۇزىۋېتىلىدۇ. ھەتتا باكتېرىيە بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ .

يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرىنى ئاسراش كېرەك. يۇيۇنۇپ بولۇپ، 5 مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن بەدەننى مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆللۈك تىپىدىكى تېرە ئاسراش مايلىرىنى سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.