مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 4926 رەت   / مەنبە:  تەڭرىتاغ تورى

پەمىدۇر: ئەگەر يۈز تېرىڭىز قۇرغاق بولسا پەمىدۇرنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئازراق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ۋە بۇ خىل ئۇسۇلنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىسىڭىز، تېرىڭىز ئاستا – ئاستا ئاقىرىدۇ . 

سەۋزە: سەۋزىنى يۇمشاق ئېزىپ، سۈيىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرە ئاقىرىدۇ . 

تاۋۇز: تاۋۇزنىڭ شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە، يۈز ئاقىرىدۇ . 

كاۋا: كاۋىنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ھەم بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرسىڭىز، يۈزىڭىز ئاقىرىپ پارقىرايدۇ . 

قارا شېكەر: 300 گىرام قارا شېكەرگە مۇۋاپىق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن سوۋۇتۇپ يۈزگە سۈرۈپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، تېرە سىلىق، پارقىراق، يۇمران بولىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.