مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ27-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1180 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: ئەتراپ نېرۋىلارنى بويلاپ بەدەن تېرىسىنىڭ بىر تەرىپىدە پەيدا بولىدىغان توپ-توپ سۇلۇق قاپارتما بولۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان تېرە كېسەللىكى بولۇپ, ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ماتېرىياللىرىدا نەملە دەپ ئاتىلىدۇ .

سەۋەبى: 1. قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

خىلىتلىق,خىلىتسىز ئىسسىق كەيپىياتنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى , تاشقى مۇھىتتىكى جاراسىملارنىڭ قانغا قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە قان خىلىتىدىكى ئۇفۇنەت پەيدا بولۇپ ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغاچقا يات ماددا سۈپىتىدە يەرلىك ئۇرۇندا يىغىلىپ قالىدۇ. تېرىلەرنىڭ ھەيدەش قۇۋۋىتى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشىپ سۇلۇق قاپارتقۇلارنى پەيدا قىلىپ بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ.

2. زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن پەيدا بولىدۇ .

زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەبىئەت جەھەتتە ئۆتكۈر قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرىدۇ. جۈملىدىن تېرە قان ئېقىم مىقدارىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېرە توقۇلمىلىرىنى سۇغىرىدىغان قان مىقدارى كۈچىيىپ قان بىلەن ئېقىپ كەلگەن زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا توپلىنىشى ئاشىدۇ. بۇ نورمالسىز خىلىتنىڭ توقۇلمىلار تەركىبىگە ئۆزگىرىش سالاھىيىتى بولمىغاچقا يەرلىك ئورۇننى ھەم نېرۋىنى چۈكلۈك قۇۋۋەتلەر تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ ,تېرىدىكى ھەيدەش قۇۋۋىتى بۇ نورمالسىز خىلىتنى دەفئى قىلىش ئۈچۈن قۇۋۋىتى دافىئەنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ سىرتقا ئىتتىرىدۇ. بىراق يەرلىك ئورنىدىن راۋان چىقالماي سۇلۇق قاپارتقۇچلارنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بەلباغسىمان قۇقاق ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ. گەۋدە ۋە يۈز قىسىملىرىدا ئاسان پەيدا بولىدۇ. كېسەل يۈز بېرىشتىن 3 كۈن ئىلگىرى يەڭگىل دەرىجىدە ئومۇمى بەدەنلىك ئالامىتى بولىدۇ. مەسىلەن: تۆۋەن قىزىتما , پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش , ئىشتىھاسىزلىق , ئەسۋە چىقىدىغان ئورۇن , تېرىسى كۆيۈپ قىزىش , ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ , 1-4 كۈندىن كېيىن تېرىدە توپ-توپ سۇلۇق قاپارتقۇچىلار چىقىدۇ. ياكى دۆڭچە ئەسۋە چىقىدۇ. قاپارتمىلار سۈيى سۈزۈك , دىۋارى چىڭقىلىپ مەرۋايىتتەك پارقىرايدۇ. نېرۋىلارنى بويلاپ بەلباغسىمان تىزىلىدۇ. ئەسۋەلەرنىڭ تېگى ئازراق قىزىرىپ قالىدۇ. ئادەتتە ئەسۋەلەر گەۋدە ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. تېرە زەخمىسى كۆپىنچە قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىلىرى ياكى3 ئاچىماق نېرۋىنىڭ بىرىنچى شاخچىسىغا كۆرۈلىدۇ. يەرلىك ئورۇن لىمفا تۈگۈنچىلىرى ۋە نېرۋىلارنىڭ ئاغرىقى بۇ كېسەلنىڭ مۇھىم ئالامىتىنىڭ بىرى. ئادەتتە 2-4 ھەپتىگىچە ئارىلىقتا پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىدۇ. تاتۇق قالدۇرمايدۇ. ياشانغانلاردا يەرلىك ئورۇن 3-6 ئايغىچە ئاغرىق توختىمايدۇ.

ئاقىۋىتى: ئۈچ ئاچىماق نېرۋا تەسىر قىلىپ چىراي قىسمىغا كۆز مۈڭگۈز پەردىسىگە تەسىر قىلىپ , كۆز مۈڭگۈز پەيدا قىلىدۇ. لەقۋا) يۈز نېرىپ پالچى (, قۇلاق ئاغرىقى, سىرتقى قۇلاق يولى, ئەسۋەلىك 3 بىرلەشمە كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئېغىرلىرىدا يۇقىرى قىزىتما , ئۆپكە ياللۇغى, مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

دىياگنوز ئاساسى: بەلباغسىمان قوقاقتا توپ-توپ كىچىك سۇلۇق قاپارتما بولۇش,نېرۋىلارنى بويلاپ بەدەن ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەي بىر تەرەپكە چىقىش , ئېنىق نېرۋا ئاغرىشى ئالامىتىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ .

سېلىشتۇرما دىياگنوزى: ئاددىي قوقاق, چاچراتقۇ قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىياگنوز قويۇلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: 1. زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىغا قارىتا مۇنزىچ , مۇسھىل بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ .

2. قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش , قاننىڭ ھارارىتىنى تەڭشەش , ئېچىشىشنى توختىتىپ تېرە پۈتۈنلۈكىنىڭ نورمال ھالىتىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە سىرتىدىن دورا ئىشلىتىلىدۇ .

داۋالاش ئۇسۇلى: زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىغا قارىتا مەخسۇس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى 100 مىللىلىتىردىن كۈنىگە 3-4 قېتىم ماددا پىشقىچە بېرىلىدۇ. ماددا پىشقاندىن كېيىن مەتبۇخى ھېلىلە 100مىللىلىتىردىن 2 قېتىم, 3-5 كۈنگىچە بېرىلىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ. قان تازىلاش, ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە شەربىت ئۇنناپ 100مىللىلىتىردىن 3 ۋاخ, شەربىتى ئۆشبە 100 مىللىلىتىردىن 3ۋاخ, ئىتتىرفىل چۆبچىن 10گىرامدىن 2 ۋاخ بېرىلىدۇ. سىرتتىن شاھتەررە, خەشخاش پوستى, مامىرانچىن, بىنەپشە , 1. 5 گىرامدىن , ئاق لەيلى ئۇرۇقى , ئاق لەيلى گۈلى, يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى, رەۋەن 10گىرامدىن دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ , سىرتىدىن 1 كۈندە 3 قېتىم يۇيىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سەپرانى كۆپەيتكۈچى غىزالاردىن پەرھىز قىلىش, ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى, يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالارنى ئىستېمال قىلماسلىق, زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش , تېرە زەخمىسىنىڭ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ تېرە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.