مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 810 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: تېرە ئاستى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان قان يىغىلىۋېلىش ھادىسى تېرە ئاستىغا قان چۆكۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى: تاشقى زەخىملىنىش يەنى يېقىلىش، ئۇرۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تېرە ئاستى ئۇششاق قان تومۇرلىرى يېرىلىپ تېرە ئاستىغا قان چۈشىدۇ. ئۇندىن باشقا قان تەركىبىنىڭ بۇزۇلۇشى نەتىجىسىدىمۇ تېرە ئاستىغا چېكىتسىمان قان چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ .

ئالامىتى: تېرە ئاستىدا كۆك رەڭدە تېرىدىن كۆتۈرۈلمىگەن ھەرخىل چوڭلۇقتىكى قانلىق چېكىت ۋە داغلار كۆرۈنىدۇ. بۇلارنى دىققەت بىلەن قارىغاندا ياكى قول بىلەن بېسىپ تۇرغاندا، تومۇر كېڭەيگەندە كۆتۈرۈلىدۇ. تارايغاندا تۆۋەنلەيدۇ. باسقاندا ئويمانلىشىدۇ، قويۇپ بەرگەندە دەرھال ئەسلىگە كېلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: قاننى جانلاندۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى ۋە قان تومۇرلارنى قورۇغۇچى دورىلارنى بېرىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.