مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1815 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ گېزىتى

مېۋە – چىۋە، كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە يېمەكلىكلەردۇر. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، قاندىكى سۈت كىسلاتاسى، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، ئەگەر بۇ ماددىلار تەر سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تېرە يۈزىگە كۆپلەپ چىقسا، تېرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. شۇڭا ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، قان ئاجىز ئىشقارلىق ھالەتكە كېلىپ، سۈت كىسلاتاسى، سۈيدۈك كىسلاتاسى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن يۈز تېرىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچى ئېشىپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچىيىپ، يۈز تېرىلىرىگە قۇرۇق چۈشۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.