شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ لوس ئانژېلېس 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ئامېرىكىدىكى بىر يېڭى تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا دائىم دېرىزىنى ئېچىپ قويۇش تىرە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «ئامېرىكا تىرە كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مەزكۇر دۆلەتنىڭ تېببىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى تىرە راكىنىڭ بارلىق كېسەللىك مىساللىرىنى ئانالىز قىلىپ، ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا دائىم ماشىنا دېرىزىنى ئېچىپ قويىدىغان ئادەمنىڭ تىرە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دېرىزىنى ئېچىپ قويمايدىغان ئادەمدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:«ئامېرىكىلىق كىشىلەردىكى راك كېسىلىنىڭ ئورنى ئاساسەن بەدەننىڭ سول تەرىپىدە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا دائىم ماشىنىنىڭ سول دېرىزىسىنى ئېچىپ قويغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكىدا ئادەتتە ماشىنا ھەيدىگۈچى ئولتۇرىدىغان ئورۇن سول تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.
تەتقىقاتچىلار ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ۋاقىت سول دېرىزىنى ئاچماسلىقى، بولۇپمۇ ياز پەسىلدىكى تومۇز ئىسسىقلاردا دېرىزىنى ئاچماسلىق توغرىسىدا ئەسكەرتكەن. چۈنكى ئادەتتىكى ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرى بىر قىسىم ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسالىغاندىن باشقا، كۆپ مىقداردىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسۇيالمايدىكەن.
بۇندىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە ماشىنا ھەيدىگۈچى ئولتۇرىدىغان ئورۇن ئوڭ تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. شۇڭلاشقا، ئاۋسترالىيەلىك كىشىلەر بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئاسان راك كېسەللىكى كۆرۈلىدىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.