سۆگەل، ئادەتتە تېرە يۈزىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئۆسمە كېسەللەرنىڭ بىر خىلى، ئۇ سۆگەل ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ. سۆگەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئىممۇنىتېتنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىممۇنىتېت بولۇپمۇ ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغان كىشىلەر سۆگەل بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. تېرە يۈزى زەخمىلەنسىمۇ سۆگەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
سۆگەل چىققان ئورۇنغا قاراپ ئاددىي سۆگەل، ياپىلاق سۆگەل ،. ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، تاپان سۆگىلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. سۆگەل چىققاندا قول بىلەن تاتىلىماسلىق ياكى ئۈستىنى كېسىپ بۇزماسلىق، ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش لازىم. داۋالىتىش جەريانىدا ئىچ كىيىمنى قايناق سۇغا بېسىپ دېزىنفېكسىيەلەش ياكى دەزماللاش ئىنتايىن مۇھىم .
شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.