مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ27-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1332 رەت   / مەنبە:  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇشى: دانىخورەك تېرىگە تەۋە قوشۇمچە ئەز كېسەللىكى بولۇپ ياشلىق دەۋردە كۆپ كۆرۈلۈدىغان بىر خىل تۈك خالتىسى ۋە تىرە ماي بەزلىرىنىڭ سوزۇلما ياللۇغىدۇر.

كېسەللىك سەۋەبى: بۇزۇلغان قان خىلىتى بىلەن بۇخاراتلاردىن پەيدا بولىدۇ.

ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

قويۇق بەلغەم ماددىسىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھاراق، لازا، كالا گۆشى قاتارلىق ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلىپ، قاننى بۇزغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەر ھەم زىيادە تاتلىق مايلىق ھەم ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ھەم ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

باشقا ئامىللار: ھەزىم بۇزۇلۇش دائىمىي قەۋزىيەت، ھەيز ۋە بوۋاسىر بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

تىرە تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

كەسىپ ئامىلى: ھەر خىل نېفىت مەھسۇلاتلىرى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مايلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچىراشقۇچىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

 كىلىنىك ئىپادىسى: دەسلەپ يەرلىك ئۇرۇندا تىرىق چوڭلۇقىدا قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، نورمال تىرە تەكشىلىكىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ تۇرىدۇ. 1-2كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇچىدا سېرىق رەڭگە مايىل توچكا پەيدا بولىدۇ. تۈۋى ئېنىق دەرىجىدە قىزىرىدۇ. سىقسا سېرىققا مائىل سۈترەڭ ماي توچكىسى چىقىدۇ. بەد بۇي پۇراقلىق بولۇپ ئاغرىمايدۇ ياكى قىچىشمايدۇ، ئەگەر سىقمىسا 3-4كۈن ئۆتكەندىن كىيىن دۆڭچە ئەسۋە چوڭىيىپ، نېگىزى قىزغۇچ، ئۇچى ئېقىش ھالەتكە ئۆزگىرىپ، يەڭگىل دەرىجىدە قىچىشىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. بىلىنەر-بىلىنمەس دەرىجىدە قىزىشىدۇ. ماي نوكچىسى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن داغ قالدۇرۇپ ساقىيىدۇ. ئەگەر سىقمىسا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇچى قارامتۇللىشىپ قالىدۇ. ئەگەر قوشۇمچە يۇقۇملانسا، يىرىڭلىق قاپارتما خالتىلىق ئىششىق چىيقان قاتارلىقلارغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

دىياگنوزى: پەيدا بولۇش ئورنى ۋە يېشى، سىققاندا سۈتسىمان ماددا چىقىش قاتتىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ.

سېلىشتۇرما دىياگنوزى: تۈك خالتا ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرىمىز. تېيىز كەلگەن تۈك خالتا خاراكتېرلىك يىرىڭلىق قاپارتما بولىدۇ. تۈركۈملەپ پەيدا بولىدۇ. بىرى-بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتمەيدۇ. قاپارتمىلار ئوتتۇرسىدىن تۈك تېشىپ چىققان بولىدۇ. ساقايغاندىن كىيىن تاتۇق قالمايدۇ. ھەر قانداق ياشتىكلەردە پەيدا بولىدۇ.

قىزىل تۇمشۇقتىن پەرىقلەندۈرىلىدۇ. كۆپىنچە يۈزىنىڭ ئوتتۇرسىدا پەيدا بولىدۇ ھەمىشە بۇرۇن ئۇچى ئىككى مەڭزى پېشانە، ئېڭەك قاتارلىق قىسىملارغا ئورۇنلىشىدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇنلار قىزىرىپ قان تولىدۇ. قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى ھەمىشە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

كەسپىي خاراكتېرلىك دانىخورەكتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەر خىل مايلار بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ. ئەسۋەلەر كۆپىنچە جۇغلانما بولۇپ، تۈك خالتا ئېغىزىنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

داۋالاش  

داۋالاش پىرىنسىپى : ئالدى بىلەن قان ۋە بەلغەم ماددىسىنى قويۇقلاشتۇرىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، ھاراق كالا گۆشى، ھايۋانات مايلىرى، شېكەر ۋە شىرنىلىك ھۆل مېۋە چىۋىلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ مىزاج تەڭشىلىدۇ.

بۇزۇلغان قان بىلەن بەلغەم ماددىسىنى تازىلىغۇچى قان تازىلىغۇچى ياللۇغ قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ.

سىرتىدىن مۇۋاپىق تارقاتقۇچى، تازىلىغۇچى، ئىششىق ياندۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.