مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1184 رەت   / مەنبە: ساغلاملىق تورى

ھەربىر كىشى بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر بىلەن ياشلارنى تىۋىپقا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مىزاج تىپىنى ئېنىقلىۋېلىش بىلەن بىرگە يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق مىزاج تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش يوللىرىنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. تاماق تاللايدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئىسسىق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەك بىلەن سوغۇق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەكنى ئالماشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بېرىشكە ئادەتلىنىش كېرەك. يەنى قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەر ئارىلاپ ھۆل سوغۇق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى، قۇرۇق سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەر ئارىلاپ ھۆل ئىسسىق كەيپىياتتىكى يېمەك-ئىچمەكلىكنى، ھۆل سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر ئارىلاپ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ھاراق، پىۋا ۋە ھەرخىل سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر كەم ئىستېمال قىلىش كېرەك. شۇنداقلا ھەددىدىن زىيادە تار كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئۆگىنىش، خىزمەت، دەم ئېلىش، مەدەني كۆڭۈل ئېچىش ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى چېنىقىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ روھىي جەھەتتىكى چارچاش بىلەن غەم-ئەندىشىلەردىن مۇمكىنقەدەر ساقلىنىپ، خۇشخۇي ۋە ئۈمىدۋار بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىى كېمىيىش، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھىي جەھەتتە جۇشقۇنسىزلىق، تىل ئۈستىدە  نورمال بولمىغان گەز باغلاش ۋە ئېغىز تەمىى بىلەن چوڭ-كىچىك تەرىتىدە غەيرىيلىك پەيدا بولۇشتەك مىزاج بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن دەرھال تېۋىپكە كۆرۈۈنۈپ مىزاجىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا قانداشلىقى يېقىن بولغانلار بىلەن ئاقكېسەللىك بىلەن ئاغرىغۇچىلار ئۆزئارا توي قىلماسلىقى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئاقكېسەللىكتىن ساقلانغىلى ياكى ئاقكېسەللىكنىڭ كىشىلەر توپىدا پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.