سىزنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنىڭىز ئىلاھىي ئىشلاردۇر (ئەمما سىز ئىلاھ بولماقچى ئەمەس). سىز مۇكەممەل بىر دۇنيا بەرپا قىلماقچى؛ سىز ئاسمان – زېمىن، تاغۇدەريا، جان – جانىۋار، يىل – ئاي، جۇت – شىۋىرغان، قار – مۇز، بىپايان دېڭىز، ھەيۋەتلىك تاغ، ياپيېشىل ۋادا، چەكسىز چۆللۈك، قېرى – ياش، ئەر – ئاياللارنى ياراتماقچى؛ بۇلارنىڭ كېلىپ – كېتىشى، ئۆسۈپ – يېتىلىشى، مۇھەببەت – نەپرىتى، ئامەت – ئاپىتى، غەلىبە – مەغلۇبىيىتى… تەقدىرى سىزگە باغلىق.سىز بۇلارنى ئويلىشىڭىز، كۆرۈشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز، بۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇشىڭىز لازىم. شۇندىلا سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز ھەقىقىي ئىشەنچلىك، روشەن ۋە ئەينەن، مۇقىم بولىدۇ. شۇندىلا شۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ماھىر، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ھەم جەمئىيەت ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تاللىشىڭىزغا قۇۋۋەت ھازىرلىنىدۇ.
ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,113 قېتىم
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئەدەبىي تەنقىد ھەرخىل ئەيىبلەش ۋە كەمسىتىشكە دۇچار بولدى. ئەدىب-سەنئەتكەر بولسۇن ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولمىدى. مەدەنىيەت تەرەققىياتى تېز بولىۋاتقان، ھەرخىل مەدەنىيەت قاراشلىرى ئۆز-ئارا پۇت تىپىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋردە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ياڭراق سادالارنى جاراڭلىتالمىدى-دەپ قارىدى. بەزى تەنقىدچىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ھازىرقى دەۋردىن كۆرۈپ، تەنقىدنىڭ بىمەززە، بىتايىن، پەسكەش بولۇشىنى دەۋر كەلتۈرۈپ چىقارغان-،دەپ توۋلاپ يۈردى. بەرھەق، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بىر ئىلىم بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۇئەييەن دەرىجىدە جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەت تىل مۇھىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىشى ئېنىق. ئەمما، بىز ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ دەل مۇئەييەن دەرىجىدىكى قەتئىيلىك ۋە چىدامچانلىق بىلەن شاكالنى شاللاپ، مېغىزىنى تاللاپ؛ پاسىققا لەنەت، پازىلغا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسىنى ياڭرىتىشتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈردۇر.
ئىنكاس: 3 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,093 قېتىم
سىز يەنە ئۆز يازمىڭىزنىڭ سېھرىي كۈچكە، جەلپكارلىققا، قىزغىنلىققا تويۇنغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز، شۇنداقلا بۇلارنى تونۇپ يېتىشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز لازىم. سىزنىڭ ئۇنى يېزىشىڭىز قانداقتۇر ئەدەبىياتقا قىزىقىشىڭىز، يازغۇچىلىققا ھەۋەس قىلىشىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل تېمىنىڭ بازارلىق ئىكەنلىكى، تەھرىراتلارنىڭ ئاشۇ خىل تېمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل تېما سىزنىڭ قەلب قەسىرىڭىزنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، سىزگە يىلان كەبى چىرمىشىپ، سىزنى ئارامىڭىزدا قويماي، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشىڭىزنى كۈتكەنلىكى، تەخىرسىزلىكى، يازمىسىڭىز سىزگە ئاراملىق بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز. ئۇ سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ، سىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە خاس ئاھاڭغا، ساداغا ۋە سىياققا ئىگە؛ ئۇ بەلكىم قايغۇ ئىلكىدە كۆزدىن ياش ئىچەر، تېرەنلىكىدىن كۆزگە مۇڭ تۆكەر، جۇشقۇنلۇقىدىن تەنگە كۈچ قوشار، رەھىمسىزلىكىدىن دىلغا ۋەھىمە سالار، خۇشاللىقىدىن كەيپنى چاغ قىلار، ئۆتكۈرلۈكىدىن جاننى يايرىتار، ھەزىللىكىدىن كۆڭۈل خۇش بولار، يەكتالىقىدىن ئاپىرىن ئېيتقۇزار، يېقىشلىقىدىن جان ئارام تاپار، مۇكەممەللىكىدىن دىلنى يورۇتار… ئۇ بەلكىم ساناقسىز جەلپكارلىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ مەززىسىز ھەم مەنىسىز بولماسلىقى كېرەك.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 981 قېتىم
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرى ئاپئاق ئورىگىنال قەغىزىگە چۈشكىنىدە، ئورىگىنال قەغىزىدىكى ھەر بىر قۇر رايىش، بىغۇبار، سەمىمىي رەۋىشتە سىزنىڭ ئۆزىگە جۇلا ۋە نىدا، جان ۋە قان ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتكىنىدە، سىز نېمىلەرنى كۆرىسىز؟ نېمىلەرنى ئويلايسىز؟ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ باشقا تالاي كەسىپلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكىچىلىكىنى، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش بۇ ساھەدىمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان پەسكەشلەرنىڭ… بارلىقىنى بىلسىڭىزمۇ؛ قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، سىز ئۆزگىچە بىر تۇيغۇدا بولىسىز.
سىز جەزمەن پازىل بىر ئىنسان بولۇشىڭىز؛ تىلىڭىز ھەم دىلىڭىزدا، باتىنىڭىز ھەم زاھىرىڭىزدا سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈلۈك يولىدىكى ئىستىكىڭىز ھەم ئەقىدىڭىز، ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتىڭىز، تارىخقا بولغان ئىنتىلىشىڭىز ھەم ئىشەنچىڭىز قارار تاپقان بولۇشى لازىم. سىزدە مۇستەھكەم ۋە يۈكسەك بىر ئىخلاس بولۇشى، مەيلى گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باھار كۈنلىرى ياكى جۇت – شىۋىرغانلىق ئاياز كۈنلىرى بولسۇن، ئىخلاسىڭىز سۇسلىماسلىقى لازىم. سىز دۇنياغا ھەۋەس بىلەن باقسىڭىز، خەلققە ھەردەم ھەمنەپەس ھەم تەقدىرداش بولسىز، سىزنىڭ «ئىخلاس»ىڭىز قانداقتۇر ھەممىنى تەرك ئېتىپ، راھەت- پاراغەتتە يايرىغىنىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس.
ئىنكاس: 3 پارچە | كۆرۈلۈشى: 986 قېتىم
ھەممە ياق سۈكۈتكە پاتقان كېچىدە، تەنھا ئولتۇرۇپ، سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەممىگە بىپەرۋا ھالدا توختاۋسىز چىكىلدىغان ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئەشەددىي قورقۇنۇچلۇقتۇر. بۇ خىل ئاۋاز بىر خىل رېتىمدا، مەڭگۈ خاتاسىز تۈستە «تۇرمۇش سەۋدايىلارچە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەن سۆزنى تەكرارلايدۇ. كائىنات زۇلمەت ئىلكىدە چۈش قوينىغا غەرق بولۇپ، كۇللىي مەۋجۇدات سۈكۈتكە پاتقان چاغدا پەقەت سائەتلا رەھىمسىزلىك بىلەن جاراڭلىق ئۈندە مىنۇت-سىكۇنتنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ. سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەربىر چىكىلدىغان ئاۋازى ھاياتلىقنىڭ بىر مىنۇت قىسقارغانلىقىنىڭ، تەبىئەت ھەر بىر ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھاياتلىقنىڭ بىر دەقىقىسىنىڭ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 893 قېتىم
«مۇھەببەتسىز ھايات مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ؛ شۇنداقلا گۈزەللىك بولمىغان مۇھەببەت پۇراقسىز گۈلگە، ئۇرۇقسىز مېۋىگە ئوخشايدۇ. ھايات، مۇھەببەت، گۈزەللىك بىر ئۆزلۈككە مۇجەسسەم. ئۇلار ئەركىن- ئازادە، چەكسىز ھەم پايانسىز، ئۆزگەرمەس ھەم ئايرىلماستۇر.»- دېدى- دە، يەنە ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى. شۇ چاغ ئىككىنچى بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، جاراڭلىق، جۇشقۇن ئاۋازدا: «قارشىلىق بولمىغان ھاياتلىق باھارى يوق پەسىلگە؛ ئورۇنسىز قارشىلىق قاقاس قۇملۇققا كۆمۈلگەن باھارغا ئوخشايدۇ. ھايات، قارشىلىق، ھەققانىيەت بىر ئۆزلۈككە مۇجەسسەم. بۇلار ئۆزگەرمەس ھەم ئايرىلماستۇر»- دېدى- دە، ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى.
ئىنكاس: 5 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,080 قېتىم
ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىمەنە تەرەپلىرى مەۋجۇت. ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرگە يېقىنلىشىشتەك يەنە بىر تەرىپىمۇ بار. ئەدەبىيات-سەنئەتنى مەجبۇرلاش ياكى قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرگە قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، يىغىپ ساقلاپ تۇتىيا كۆرسىتىشمۇ بەزىدە ئەسقاتىدۇ. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت كىشىلەرنى جەلب قىلىشتا قايمۇقتۇرۇشقا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا، خۇشتار بولۇشىغا تايىنىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئالەمنى مالەم قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان يىرگىنىچلىك نەرسە ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئەيىبلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، كىشىلەر دائىم ئاتالمىش بىر كۆرۈپلا چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىۋالىدۇ.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 829 قېتىم
كورىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىرە، نەسرچى رىيۇ ئەنكىم 1941-يىلى تۇغۇلغان. 1965-يىلى كورىيەدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى سېئول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق كەسپىنى تاماملىغان. 1970-يىلى مەزكۇر مەكتەپتە مائارىپ پىسخولوگىيەسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1976-يىلى ئامېرىكا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مائارىپشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر سېئول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار مائارىپى پروفېسسورى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كورىيەدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، شېئىرلىرىدا ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساددا تەسىراتلىرى، ساپ ھېسسىياتى ۋە ئاياللىق پاراسىتى ئارقىلىق زامان ۋە ماكان چەكلىمىلىرىدىن غالىب كېلىش ئىستىكى ئىپادىلەنگەن.
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 886 قېتىم
بېيداۋنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى 10يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئېسەنكىرەشتىن ئويغانغان بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 10يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ بىمەنە رېئاللىقى شائىردا «سوغۇق لېرىكا» خاسلىقىنى—— ئاجايىپ سالماقلىق ۋە چوڭقۇر خىيالپەرەسلىكىنى پەيدا قىلغان. ئۇ سالماقلىق بىلەن كۆزىتىش ئىچىدە «ئاددىي كۆزىدە پارچىلانغان دۇنيا»نىڭ قانداق قىلىپ ئىنسان قىممىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەربات بولۇشىنى، ئىنسان ماھىيىتىنىڭ بۇرمىلىنىشىنى ۋە ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ «ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز دۇنياسىنى، سەمىمىي، ئۆزگىچە، ئادىل، ھەققانىي ۋە ئىنسانىي دۇنيا قۇرۇپ چىقىش»نى ئويلىغان. 1974-يىلى تۇنجى ئەسىرى «داۋالغۇش» ناملىق پوۋېستنى يازغان. 1978-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ناتونۇش ساھىل»نى پۈتتۈرگەن.
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,026 قېتىم
كوچا- كوينى قاپلىغان شاۋقۇن- سۆرەندىن نە قىلاي؟
كىشىلەر يۈرمەكتە ھەم شۇقەدەر سولغۇن چىراي.
دىلخانەمنى قاپلىدى غەم كەبى ئاقۇچ تۇمان،
بىر ۋەھىمە ئىلكىدە ئېسەنكىرەيمەن بىزۇۋان.
ئاھ بۇ يەردە ھېچ تېپىلماس گۈل-گىياھ ھەم يا ئېقىن،
بىلمىدىم كۈلكەمگە كىم جۆر، غەملىرىمگە كىم يېقىن؟
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,019 قېتىم
- خۇشخۇي:
بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى:
ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson:
رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي:
ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات:
شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم